شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش پۈتۈن خىتايغا تەسىر كۆرسەتتى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان كۈنى تۆت ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە ئېسىلغان شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشنىڭ تەسىرى پۈتۈن خىتايغا كېڭەيدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا، تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش تۈرلۈك قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە چەكلەشلەرگە قارىماي ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن بولۇپ، شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغۇچى پېڭ لىفا ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە پىلاكات چىقىرىپ، شى جىنپىڭنى «دىكتاتۇر» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ قارشىلىق ھەرىكەت خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. پېڭ لىفا ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كەسپى ئادۋۇكاتلارنىڭ قارىشىچە، پېڭ لىفانىڭ سىياسىي تەلەپ ۋە كۆز قارىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە، خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ئاساسى ھوقۇق ئىكەن.

سىياسىي تەلەپلەر بىلەن تولغان پىلاكاتلار، ئىس-تۈتەكلەرنىڭ قاتتىق كۈچىيىشى ۋە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ۋە كۆرۈنۈشلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. شۇنچىلىك كىچىك بىر قارشىلىق خىتاينىڭ «تىنچ ۋە گۈللەنگەن 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينى قارشى ئالىمىز» دېگەن شوئارلىرىنى خام خىيالغا ئايلاندۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قارشىلىق ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي سەزگۈر سىياسىي خەۋەرلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن. نۇرغۇنلىغان ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك رەسىم ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقى ئۈچۈن ھېساباتى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن ياكى ئون نەچچە كۈنگىچە ئۇچۇر يوللاش چەكلەنگەن. خىتاي چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن سەزگۈر ئاتالغۇلار «تۆت يۆنىلىشلىك كۆۋرۈك» تىن «مەكتەپ ئىش تاشلاش» غىچە كېڭەيگەن. بىر كېچىدىلا بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بارلىق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنى كېچە-كۈندۈز قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاراۋۇللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تىۋىتتېر ۋە فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر قىسىم سىن ۋە رەسىملەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا پېڭ لىفانىڭ نارازىلىق چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قول يازما ۋە بېسىلغان شوئارلار ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى خىتاي ۋە چەتئەلنىڭ بەزى جايلىرىدىكى تام ۋە يانفۇنلاردا پەيدا بولغان. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى نامايىش شوئارلىرى كۆپىنچە ھاجەتخانا، كارىدور قاتارلىق كامېرا سىنغا ئالالمايدىغان جايلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

پېڭ لىفانىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى ئېلان قىلىش ھەرىكىتى بېيجىڭدىن شىئەن، شېنجېن ۋە شاڭخەيگىچە كېڭەيگەن. نۆۋەتتە خىتاي ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلارنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 938 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2022 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق