خىتاي ئۇيغۇرلارنى «ئايرىپ كۆزىتىش» نامىدا خورلىماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا خەلقىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ئاشلىق ياردەم مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيمەكتە بولۇپ، ئۇندىن باشقا خىتاي كېسەللەرنى دوختۇرخانىلارغا قوبۇل قىلمىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئىشىكىنى تېشىدىن تاقاپ قامال قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 19-ئۆكتەبىر تارقالغان سىندا ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا %80 خەلقىمىزنىڭ ئۆيىدە يېمەكلىك قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

19-ئۆكتەبىر تارقالغان ئىككى مىنۇت 30 سېكۇنتلۇق سىندا بىر ئۇيغۇر نۆۋەتتىكى قامالنىڭ ئىككى ئايدىن ئاشقانلىقىنى، ئائىلىدە ئاشلىق تۈگەپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ %80 دىن ئاشقانلىقىنى، ئۆيىدە ئاشلىق تۈگەپ قالغانلىقى سەۋەبلىك بىر پارچە ناننى چوڭراق چىشلەپ يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يەيدىغاننىڭ ئورنىغا بىر ۋاخ تاماق يەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قامالنى خىتاي قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قامال قىلىش بىلەنلا قالماي، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى دېمەستىن ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش» نامىدا خەلقىمىزنى ئەخلەتخانىدىنمۇ ناچار، سېسىقچىلىق بېسىپ كەتكەن، ھايۋانلار سولانسا كېسەللىك بېسىپ ئۆلۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدە پاسكىنا ئامبارلارغا سولاپ، بىر كۈندە پەقەت بىر قېتىملا تاماق تاشلاپ بېرىپ، ئېغىر ھاقارەتلىمەكتە ۋە خورلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 893 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2022 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق