ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزمەكچى

ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قارشى يېڭى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا شەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى قانداق كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ يىل 1-ئايدا، فۇمىئو كىشىدا ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسون «تارىخى ئاۋسترالىيە-ياپونىيە ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسى» دەپ ئاتالغان كېلىشىمنى ئىمزالىغانىدى. بۇ شەرتنامىدە قانۇنىي ۋە مەمۇرىي توساقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئالاقىدار قوراللىق كۈچلەرنىڭ قارشى تەرەپ دۆلەت ئىچىگە ئۆز-ئارا كىرىش، كىرىزىسقا يولۇققاندا قارشى تەرەپكە تېزدىن ھەربىي ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ شەرتنامىدە يەنە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرى ھەر قېتىم قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىپ مەشىققە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە شەرتلەرنى كېڭىشىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

فۇمىئو كىشىدا يەنە ئالدىنقى ھەپتە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەن تۇرالغۇسىدا كۆرۈشۈپ، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تەھرىرلىيەلەيدىغان «ئاخبارات قوغداش كېلىشىمى» نى ئىمزالاش توغرىسىدىكى سۆھبەتنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىملىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە ئامېرىكىدىن باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ئەمەلدارلىرى ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە: «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىشى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا ياردىمى بولۇشى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2022 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق