ئەنگلىيە خىتاي كونسۇلخانىسى ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ خوڭكوڭ پۇقراسىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە خىتاينىڭ مانچېستېردىكى كونسۇلخانا ئالدىدا ۋە ئىچىدە خوڭكوڭ پۇقراسىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگلىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى خادىمى ياڭ شياۋگۇاڭنى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە چاقىرتقانلىقىنى دەلىللىگەن. ئەنگلىيە تەرەپ خىتاي ئەمەلدارىغا مانچېستېردىكى باش كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەيمىس كلېۋېرلىينىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى تەرەققىيات بۆلۈمى خىتاي ۋە شەرقىي شىمال ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ دەنلىيەن ياڭ شياۋگۇاڭنى چاقىرتىپ كۆرۈشكەن. جۇ دەنلىيەن خىتاي تەرەپكە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ: ئەنگلىيەنىڭ خەلقنىڭ تىنچ نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەدىكى بارلىق دىپلومات ۋە كونسۇل خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-سېنتەبىر ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئەنگلىيەنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى زاك گولدسىمىس ئاخبارات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپكە مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە ئەمەس بولۇپ، شۇڭا ياڭ شياۋگۇاڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان. ياڭ شياۋگۇاڭ خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىككىنچى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بولۇپ، جۇ دەنلىيەن ئەنگلىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مانچېستېر ساقچىلىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، قائىدە بويىچە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا رايونلىرىغا پەقەت ئەلچىخانىنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا كىرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ساھەدە دىپلوماتىك خادىملارنىڭ بەلگىلىك كۈچى بار ئىكەن. ئەمما ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دىلولىرى يەنىلا ئەنگلىيە قانۇنى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 702 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2022 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق