ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي كوممونىستلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يازغان بەش بەتلىك دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ تور ۋە باشقا تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ تاشقى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

مەزكۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆججىتىدە نۆۋەتتىكى ياۋروپا سىياسىتىدە خىتاينى «ھەمكارلاشقۇچى رىقابەتچى» دەپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن ھەمكارلىقنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ۋە ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى ۋە بىر قىسىم كەم ئۇچرايدىغان مېتاللارغا تايىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سودا ساھەسىدە ئۆزىگە تايىنىشنى كېڭەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 20-ئۆكتەبىر باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى لىيۇكسېمبۇرگتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆججەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئېچىلماقچى بولغان يىغىنغا تەييارلىق قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەڭ يېڭى باھالاشتا خىتاينىڭ ئۆزگىرىشكە تېخىچە تەييار بولمىغانلىقىنى، پەقەت ئىقتىساد ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ساھەدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن تولۇق رىقابەتچى بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ياۋروپا ئەمەلدارلىرى يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى مەخپىي قوللىغانلىقىنى، تەيۋەنگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى كېڭەيتكەنلىكىنى، خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 708 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2022 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق