تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى دۇنيادا داۋاملىق تەسىر پەيدا قىلماقتا. مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن SİHA قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا خېرىدار چاقىرىشتا تۈرك شىركەتلىرى خىتاي رىقابەتچىلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى خىتاينىڭ SİHA قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەتكەن دۆلەتلەر ھازىر تۈرك SİHA لىرىغا يۈزلەنمەكتىكەن.
مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىسامۇددىن ھۈسەيىن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى TUSAŞ نىڭ SİHA نى سېتىۋېلىش خېرىدار چاقىرىشتا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
TUSAŞئىككى خىتاي رىقابەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرغان بولۇپ، تۈركىيە SİHA لىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىنمۇ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، سەلچۇك بايراقتار ئۆتكەن ئايلاردا خىتاي تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان پروگراممىدا بىر داھىي ۋە تۈرك «ستېۋ جوبس» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى خىتاي SİHA لىرىنى ئىشلەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى تۈركىيەنى تاللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مالايشىيادا ياشايدىغان ژۇرنالىست مارخالىم ئابباس: «ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلگەن خىتاي SİHA لىرى مۆلچەرگە يېتەلمىدى» دېدى ۋە تۈرك SİHA لىرىنىڭ ئىقتىدارىغا دىققەت تارتتى.
يەرشارى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىرىنىڭ بۇ يىل تەخمىنەن 12 مىليارد دوللار، 2029-يىلى 30 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. (TRT NEWS)
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر