خىتاي ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىدى

بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولغان خىتاينىڭ «ھالقىلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار» خىتايدىكى كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلتىيىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئېلان قىلىنمىدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان قۇرۇلتاي ۋە ناچار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنمىغان.

بلومبېرگ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايدا، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى بۈگۈن مۆلچەرلەنگەن بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئورگاننىڭ تور بېتىدىكى باياناتىدا، كېچىكتۈرۈش قارارىنىڭ سەۋەبى كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە يىلىغا %0.4 ئاشقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدە %3.4 ئاشقانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى. شۇنداقلا بۈگۈن 9-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، پارچە سېتىش ۋە مۇقىم مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتلىرى شۇنداقلا خىتايدىكى تورالغۇ باھاسى قاتارلىقلار ئېلان قىلىناتتى.

بىلۇمبېرگنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى توم ئورلىك بۇ قاراردىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ «نېمە ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى» توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن «نېمىشقا ئاخىرقى مىنۇتقىچە ساقلىغانلىقى» توغرىسىدا پاراڭلىشىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بايانات ئېلان قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. لى خىتاي ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئادىل رىقابەت ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2022 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق