خىتاينىڭ ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 30 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە ھەربىي ئۇچقۇچىسى قوبۇل قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ بۇ قىلمىشنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ئىلتىماسنىڭ خىتاي ۋىرۇسىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى، ئەمما يېقىنقى ئايلاردا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ئەنگىلىيەنىڭ نۆۋەتتە بۇنى چەكلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، تەكلىپ قىلىنغان ئەنگىلىيە ئۇچقۇچىلىرى خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ باشقا ئەزالىرى ئىكەن.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ: «يۇقۇم مەزگىلىدە ساياھەت چەكلىمىسى كۆپەيگەنلىكتىن، خىتاينىڭ ئۇچقۇچىلارنى جەلپ قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقى» غا ئىشارەت قىلدى.

پىنسىيەگە چىققان ئۇچقۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن جاسۇسلۇق، بۇزغۇنچىلىق ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمانلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەمەلدار، ئەنگىلىيەنىڭ پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە پىنسىيەگە چىققان ئۇچقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسى خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە تىرىشىۋاتقان خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ پىنسىيەگە چىققان ئۇچقۇچىلارغا يىلىغا 270 مىڭ دوللار ئەتراپىدا مائاش بېرىدىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەريانىنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى شەخسىي سىناق ئۇچۇش مەكتىپىگە يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ياللىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەنگىلىيە فىلوتىدىكى ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان F-35 نى ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلەردە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەيفېڭ بورىنى، خاررىئېر، جاگۇار قاتارلىق كونا ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لوندون ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكتىن، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى.

2020-يىلى 7-ئايدا، سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېيدىن ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەنىدى.

ھازىرقى باش ۋەزىر لىز تراس دۆلىتىنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، خىتاينى «تەھدىد» دەپ بېكىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 673 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2022 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق