ئەنگلىيە ساقچىلىرى خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنى كونسۇلخانىغا سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇرغان خىتاينىڭ مانچېستېردا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ئۆكتەبىرىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ساقچىلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغان خوڭكوڭ پۇقراسىنىڭ مانچېستېردا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىغا قارىتا جىددىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ دەرھال بۇ ئەھۋالنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، تولۇق سىن ۋە رەسىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى سىندا كۆرسىتىلىشىچە، قارا قالپاق كىيگەن خوڭكوڭلۇق نامايىشچىنى خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى كونسۇلخانا ئىچىگە تارتىپ ئەكىرگەن ۋە بەش نەپەر خىتاي كونسۇلخانا خادىمى ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ ئۇرغان. كۆز ئەينەك تاقىغان ۋە شارپا چىگىۋالغان يەنە بىر خىتاي ئەر نامايىشچىنىڭ چېچىنى تارتقان. نەق مەيداندىكى ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئاخىرى كونسۇلخانا دەرۋازىسىغا كىرىپ نامايىشچىنى قۇتۇلدۇرغان.
نامايىش نەق مەيدانىدىكى بىر قىسىم رەسىم ۋە سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، كونسۇلخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا «تەڭرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ھالاك قىلسۇن!» دەپ يېزىلغان پىلاكات خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن.
باشقا سىنلاردا ئاشكارىلىشىچە، كونسۇلخانىدىن چىققان، قالپاقلىق ۋە قوغداش جىلىتكىسى كىيگەن بىر قانچە ئەرنىڭ بىر نەچچە نامايىش پىلاكاتلىرىنى يىرتىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. نامايىشچىلار بىلەن كەسكىن تىركىشىش جەريانىدا، ئۇلار كونسۇلخانا ئىشىكىنىڭ ئىچىگە بىر نامايىشچىنى سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى بۈركۈت پارلامېنت ئەزاسى ئالىكيا كېرنس تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «خىتاينىڭ نامايىشچىلارنى ئۇرۇش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەنگلىيە كوچىلىرىغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ. خىتاي باش ئەلچىسىنى ھۆكۈمەتكە چاقىرىتىش كېرەك، ئەگەر كونسۇلخانا خادىملىرى نامايىشچىلارنى ئۇرغان بولسا، ئۇلارنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى ئەيىبلەش كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ