ئالما شىركىتى خىتاينىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى ئىشلىتىشنى توختاتتى

ئالما شىركىتى خىتاينىڭ چاڭجىياڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى ئىشلىتىش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتى ئالما خىتاي ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى ئىشلىتىش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ مەزكۇر شىركىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. خىتايغا كەڭ كۆلەمدە تەدبىر قوللىنىپ. خىتايغا قارىتىلغان تېخنىكا ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن.

ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتى ۋاقتىنچە خىتاينىڭ چاڭجىياڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىچكى ساقلىغۇچى ئۆزەكنى ئىشلىتىشنى ئويلاشمىغان. ئالما شىركىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق باھا بەرمىگەن.

چاڭجىياڭ ئىچكى ساقلاش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بىنەپشە نۇر گۇرۇھى، خىتاي ئۇنىۋېرسال توك يولى سانائىتى مەبلەغ فوندى ۋە باشقا ئورگانلار بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان. مەزكۇر شىركەت نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندىكى NAND چاقماق ساقلىغۇچ ئىشلەپچىقارغۇچى ئىكەن.

بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىگەنىدى. شۇنداقلا بۇ تەدبىر ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينى تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن چەكلەشنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيانقى خىتايغا يېڭى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغاندىن بىرى يولغا قويغان ئەڭ چوڭ سىياسەت ئۆزگىرىشى ئىكەن. ئەگەر مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسا، بۇ تەدبىر ئامېرىكا ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنى ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىلغار تېخنىكا زاۋۇتلىرى ۋە ئۆزەك لايىھەلىگۈچى شىركەتلىرىنى قوللاشنى ئازايتىشقا مەجبۇرلاپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 710 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2022 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق