خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كامىراسى ئېنىقلاندى

داخۇا شىركىتى ياساپ چىققان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ يۈزىنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرا ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇنى سودىغا ئىشلىتىشتىن باشقا مۇلازىمەتلەرگە ئىشلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىنلىق كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تۆت تۈرلۈك داخۇا كۆزىتىش كامېراسىنىڭ تور بېكىتىدىكى سىنلىق تەھلىللىرىدە، خىتاينىڭ داخۇا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەزكۇر كامېرا ئىرق ۋە تېرە رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. داخۇا شىركىتىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان. داخۇا شىركىتى گەرچە ئۇ تور بەت مەزمۇنىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما كامېرانى سودا ئىشلىرىدىن باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلمىغان.

17-ئۆكتەبىر داخۇا ئىنتېرنېت كېلىشىم سىن بازىرى (IPVM) غا تور بېكىتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، داخۇانىڭ تولۇق ئىسمى جېجياڭ داخۇا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، خىتاينىڭ خاڭجۇۋغا جايلاشقان سىنلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى 2015-يىلى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى داخۇا شىركىتى شەرقىي تۈركىستان ساقچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مەشغۇلاتنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق تۈرلەردە 1 مىليارد دوللارغا يېقىن پايدا ئالغان. 2019-يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داخۇا شىركىتىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزگەن.

داخۇا ۋە باشقا بىر قانچە خىتاي ئورۇنلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چىتلىغانلىقى سەۋەبلىك جازالانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2022 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق