خىتاي مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلىش
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 1-بابىدىن (قىسقارتىلدى)
1979-يىلى باشلاندى. بىزمۇ يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئەھۋاللارنى بىلىشكە باشلىدۇق.
كونا شەھەر كىنوخانىسىنىڭ ئالدى ئاساسلىق تۆت يول ئېغىزى بولۇپ، يولنىڭ تۆۋەن تەرەپ شىمالىي دوقمۇشىدا كىنوخانا، كىنوخانىنىڭ ئۇدۇلى جەنۇبىي دوقمۇشىدا بوزىخانا ۋە يېمەكلىك شىركىتىنىڭ دۇكىنى بار ئىدى. يولنىڭ يۇقىرى تەرەپ شىمال بۇرجىكىدە خىتاي باشلانغۇچ مەكتەپ، خىتاي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدى جەنۇبىي دوقمۇشىدا بولسا ئاق ئۆستەڭ (7-رايون)نىڭ مېھمانخانىسى بار ئىدى.
خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپى جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر، غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر كېلەتتى. مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشىكى مەكتەپنىڭ ئىچىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىغان، ئۈستى تەرىپى نەيزىنىڭ ئۇچىدەك قىلىپ ياسالغان تۆمۈر رېشاتكىلىق بولۇپ، غەربكە، يەنى كىنوخانىغا قارايتتى. سىنىپلار مەكتەپنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا بولۇپ، ئوتتۇرىسى مەيدان ئىدى. چوڭ دەرۋازىدىن كىرگەندە يول بىلەن تەڭ تۈزلۈكتە ھەر تەرەپكە تەخمىنەن 100-90 مېتىر كېلىدىغان مەيدان بولۇپ، مەكتەپنىڭ قالغان يېرىمى بىراقلا ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىز ئىدى. بۇنداق بولۇشىدا كىنوخانىنىڭ ئالدىدىن ساقساق تەرەپنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىز ئىدى. شۇڭا خىتاي مەكتەپنىڭ يېرىمى ئېگىز، يېرىمى پەس ئىدى. ئېگىز تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەكتەپنىڭ مەركىزىي ئوقۇتقۇچىلار بىناسى بولۇپ، بۇ بىنا مەكتەپنىڭ ئىشىكى تەرەپكە قارايتتى. مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشىكى ئورۇنلاشقان تۆۋەن تەرەپتىكى سىنىپلار ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئېگىز تەرىپىدىكى ۋە مەركىزىي ئوقۇتقۇچىلار بىناسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سىنىپلار بولسا ئۆز ۋاقتىدا «سىفەن» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئېگىز تەرەپتىكى سىنىپلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلاردەكلا چوڭ ئىدى. مەكتەپنىڭ ئېگىز تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، جەنۇب تەرىپىدە كىچىك بىر ئارقا ئىشىكى بولۇپ، بۇ ئىشىك كۇچا كونا شەھەر بازار باشقۇرۇشنىڭ سەيناسىغا ئېچىلاتتى. بازار باشقۇرۇش سەيناسىنىڭ يول تەرىپى ئوچۇقچىلىق بولۇپ، بۇ ئىشىكتىن چىقساق كىنوخانا بىلەن ساقساقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يولغا چىقاتتۇق. بۇ مەكتەپنى قول سانائەت بىرلەشمىسى پەرىزىمچە 1970-يىللىرى سالغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان كونا شەھەر تەۋەسىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆيلىرى ئاساسەن 705 رەڭلىك مېتال قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر رايونى، گۈلباغ، ئاشلىق ئىدارىسى ۋە ماي زاۋۇت تەرەپلەردە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى يىراق بولغاچقا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتماي، تاماقلىرىنى مەكتىپىدە يەيتتى.
بىز مەكتىپىمىزگە بېرىش ئۈچۈن مۇشۇ خىتاي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ باراتتۇق. بەزىدە خىتاي مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭاتتۇق. مەكتەپتىن يانغان ۋاقىتلاردا بولسا ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ، چوڭ ئىشىكىدىن چىقاتتۇق. چۈنكى مۇشۇنداق ماڭساق يولىمىز 50-40 مېتىر قىسقىرايتتى.
بىزنىڭ مەكتەپتىكى بەزى چوڭراق ئوقۇغۇچىلار بىر-ئىككى ئايدا بىرەر قېتىم تۆت-بەشتىن بولۇپ خىتاي مەكتەپكە كىرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ، سىنىپ پەنجىرىلەرنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋېتىپ قېچىپ كېتەتتى.
بىز تۇنجى قېتىم 1979-يىلى 4-ئايدا بىزنىڭ سىنىپتىكى مەندىن بىر ياش چوڭ بىر ساۋاقدىشىم باشچىلىقىدا ئۈچ ئوقۇغۇچى ئايرىم ئولتۇرۇپ مەسلىھەت قىلىشتۇق. ئەتىسى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بىز ئۈچىمىز خىتاي مەكتەپنىڭ يېنىغا بېرىپ، يانچۇقلىرىمىزنى تاش بىلەن تولدۇرۇپ، ئارقا ئىشىكىدىن خىتاي مەكتىپىگە كىردۇق. بىز كىرگەندە بىرەر يۈزدەك خىتاي ئوقۇغۇچى مەيداننىڭ بىر قانچە يېرىدە يۇمىلاق بولۇپ ئويناۋاتقان ئىكەن. بىز دۆڭدىن پەسكە چۈشىدىغان يەرگە يېقىنلاشقاندا مەيداننىڭ سول تەرىپىدىكى بارلىق سىنىپلارنىڭ پەنجىرىلىرىنىڭ ئەينىكىنى بىر باشتىن تاش بىلەن ئۇرۇپ چاققىنىمىزچە چوڭ ئىشىكىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتۇق. بۇ بىزنىڭ خىتاي مەكتىپىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىرىنچى قېتىملىق ھەرىكىتىمىز ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن 10-8 كۈن ئۆتۈپ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىز يەنە خىتاي مەكتىپىنىڭ يېنىغا باردۇق. بۇ قېتىم بىز بەش كىشى ئىدۇق. قارىساق بىزدىن باشقا يەنە يەتتە-سەككىز بالا تەييار بولۇپ تۇرغانىكەن. ئۇلارنىڭ باشلىقى نەدىن تاپتىكىن، قولىدا بىر غۇلاچ كەلگۈدەك يوغان بىر تىكەن بار بولۇپ، بىر مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزئارا تونۇشاتتۇق. بىز مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن، بۇ قېتىم خىتاي مەكتىپىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىدىغان بولدۇق. بۇ ئارىلىقتا يەنە بەش-ئالتە بالا كېلىپ بىزگە قوشۇلۇپ، سانىمىز 20 گە يېقىنلاشتى. بىز گالىستۇكلىرىمىزنى بوينىمىزدىن يېشىپ، يانچۇقىمىزغا تىقىپ، يانچۇقلىرىمىزنى تاش بىلەن تولدۇرۇپ تەييارلانغاندىن كېيىن، ھەممىمىز ھېلىقى تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ساۋاقدىشىمىزغا ئەگىشىپ چوڭ ئىشىكتىن خىتاي مەكتىپىكە بېسىپ كىردۇق.
بىز خىتاي مەكتىپىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرگەن ۋاقىتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەيدان ۋە سىنىپلىرىدا ئويناۋاتقان بولۇپ، يېشى چوڭراق يەتتە-سەككىز ئوقۇغۇچى ئىشىك تەرەپكە ماڭغانىكەن. بىز كىرىپلا سىرتقا ماڭغان ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇغۇچى «ئۇرە» دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. بىز شۇنىڭ بىلەن كېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بىراقلا ھۇجۇم قىلدۇق. ھە دېگەندە ئۇلاردىن بىرقانچىسى تاش يەپ، «ئەييا» دېگىنىچە بەدەر قېچىشتى. تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇغۇچى ئالدىغا كەلگەن خىتايلارنى قولىدىكى تىكەن بىلەن خۇددى سۈپۈرگە بىلەن يەر سۈپۈرگەندەك چۆرۈپ ئۇرۇشقا باشلىدى. تىكەن يېگەن خىتايلارنىڭ ئالىتاغىل ۋارقىراشلىرى مەكتەپنى بىر ئالدى. بىزمۇ ئۇنىڭ قولىدىكى تىكەننىڭ تېگىپ كېتىشىدىن قورقۇپ نېرى تۇردۇق. بىز بىردەمدە خىتايلارنى قوغلاپ يورۇپ، ئۇرۇپ نەچچىسىنى ياتقۇزۇۋەتتۇق. قالغانلىرى سىنىپ-سىنىپلارغا كىرىپ، پارتىلارنى سۆرەپ كېلىپ ئىشىكلىرىنى تاقىۋالدى. بىز پەنجىرىلەرنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ، خېلى كۆپ خىتايلارنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكلىرىنى ئاچالماي، ئامالسىز چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كەينىمىزگە ياندۇق. بۇ ۋاقىتتا ئوڭ تەرەپ (شىمال تەرەپ) ئەڭ تۆۋەندىكى سىنىپقا قېچىپ كىرىۋالغان خىتايلار بىزنى زاڭلىق قىلىپ قالايمىقان ۋارقىرىغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قاتتىق ئاچچىقىمىز كېلىپ، كەينىمىزگە يېنىپ بارغىنىمىزچە، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇ سىنىپنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق ئىتتىرىشكە باشلىدۇق. قالغانلىرىمىز سىنىپ پەنجىرىسىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ، ھەتتا سىم تورلىرىنىمۇ يىرتىۋەتتۇق.
بىز شۇنداق قىلىپ ئاخىر ئۇ سىنىپنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ كىردۇق. ئىشىكنى ئېتىۋالغان پارتىلارنىڭ ھەممىسى سۇنۇپ كېتىپتۇ. بىزنىڭ سىنىپقا بېسىپ كىرگەنلىكىمىزنى كۆرگەن خىتاينىڭ بالىلىرى قورقۇپ كېتىپ، بىر قىسمى سىنىپنىڭ ئالدى تەرەپ بۇرجىكىگە، يەنە بىر قىسمى بولسا سىنىپنىڭ كەينى تەرەپتىكى بۇرجەككە يىغىلىپ قاپتۇ. قاتتىق قورقۇپ كېتىشكەن بەزى خىتايلار ئىشتان-كۆڭلەكلىرىگە سىيىۋېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا مەن سىنىپنىڭ ئالدى تەرەپ، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇلۇڭغا يىغىلىپ قالغان خىتايلارغا قارىسام، بېشىدىكى بۇدۇر چېچى شۇنداق يوغان، خام سېمىز بىر قىز ئوقۇغۇچى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. مەن بارغىنىمچە ئاچچىق بىلەن ئۇنىڭ چېچىنى قاماللاپ تۇتماقچى بولۇپ، قولۇمنى سوزۇپ غاچچىدە قاماللىدىم. قاماللىدىممۇ، ئاجايىپ قىزىق بىر ئىش بولدى. قولۇمنى كېرىپ ئەكېلىپ ئاچچىق بىلەن قاماللىسام، قولۇمغا ھېچ نەرسە چىقماي ھاۋادا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ چېچى شۇنداق شالاڭ، يوقنىڭ ئورنىدىكى چاچ ئىكەن.
مەن سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن ئۇ خىتايلارنىڭ توپىغا بىرىنچى بولۇپ بارغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمدىكى بالىلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. مەن ئاچچىقىمدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى-ئۈچ خىتاينى شاپىلاق بىلەن نەچچىنى قويدۇم. ئاڭغىچە ھېلىقى تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇغۇچى كەلگىنىچە خىتايلارنى تىكىنى بىلەن چۆرۈپ ئۇرۇشقا باشلىدى. تىكەن تەگكەن خىتايلار قىيا-چىيا قىلىشىپ سىنىپنى بىر ئالدى. بىز بۇ ۋاقىتتا تىكەننىڭ بىزگىمۇ تېگىپ كېتىشىدىن قېچىپ ئىشىك تەرەپكە يىغىلىپ قالدۇق.
دەل بۇ ۋاقىتتا سىنىپنىڭ ئالدىغا ئېھتىيات ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان ئىككى ساۋاقدىشىمىز: «ۋاي قېچىڭلار!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز سىنىپتىن ئېتىلىپ چىقتۇق. قارىساق خىتاينىڭ بىر ياش ئوقۇتقۇچىسى كىچىك بىر موتوسىكلىت بىلەن دۆڭدىن پەسكە چۈشۈۋېتىپتۇ. يەنە ئۈچ-تۆت ئوقۇتقۇچىسى يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا يەنە سىفەننىڭ يەتتە-سەككىز ئوقۇغۇچىسى يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن چوڭ گۇيلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز چوڭ دەرۋازىغا قاراپ قاچتۇق. ھېلىقى تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق بىر قانچىمىز قوللىرىمىزدىكى تاشلار بىلەن قارشىلىق قىلىپمۇ ئۇلارنى توسۇپ قالالمىدۇق. ئەسلىدە ھەممىمىز باشتا مەكتەپكە بېسىپ كىرگەن ۋاقتىدىكىدەك تەڭ تۇرۇپ قارشىلىق قىلساق، بەلكىم توسۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
بىزنى قوغلاپ كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارقىدا قالغان بىر قانچىمىزنى تۇتۇۋالغىلى تاسلا قالدى. بۇ 4-ئاي بولۇپ، كىنوخانىنىڭ كەينىدىكى بۇغدايلىققا سۇ قويغان كۈنى ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا بۇغدايلار 30-25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەن بولۇپ، باشاق چىقىراي دېگەنىدى. قارىسام ھېلىقى تىكەن كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇغۇچى بۇغدايلىققا قاراپ قاچتى. موتوسىكلىتلىق خىتاي ئۇنى قوغلاپ ئارقىسىدىن موتوسىكلىت بىلەن بۇغدايلىققا كىرىشىگە موتوسىكلىتى پاتقاققا پېتىپ قېلىپ كاللىموللاق ئېتىپ چۈشتى. قالغانلارنىڭ قايسى تەرەپكە قاچقانلىقىنى بىلمىدىم. يەنە بىر ئۇزۇن پاچاق، قارىمۇتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى مېنىڭ كەينىمدىن قوغلىدى. مەن دەرۋازىدىن چىققىنىمچە ئوڭغا بۇرۇلۇپ بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە قاچتىم. مېنىڭ بەش-ئالتە مېتىر ئالدىمدا يەنە ئىككى ساۋاقدىشىم قېچىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار خىتاي مەكتىپى بىلەن بىر تام، دۆڭدىكى بەكرىمنىڭ پېشايۋانلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپلا ئوڭغا قايرىلىپ، ساقساق تەرەپتىكى مەھەللە يولىغا قېچىپ كىرىپ كەتتى.
ئەسلىدە مېنىڭمۇ نىيىتىم ئاشۇ يولغا قېچىش ئىدى. ئەمما ئارقامدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچى ماڭا يېتىشىۋالايلا دەپ قالدى. مەن گەرچە مەكتەپ بويىچە ئەڭ تېز يۈگۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولساممۇ، تېخى 11 ياشلىق بىر ئۆسمۈر بولغاچقا، ئۇ خىتاينىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىغا ئىككى-ئۈچ مېتىرلا قالدى. ئەگەر مەن ئۇ ئىككى ساۋاقدىشىم قاچقان يولغا قايرىلىمەن دېسەملا، خىتاي ئوقۇتقۇچى مېنى تۇتۇۋالاتتى. ئۇ يولنىڭ دەل ئېغىزىدىكى ئۆي قول سانائەت بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدىغان ئوسمان تېرەك دېگەن ئادەمنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئىشىكى جەنۇبقا، يەنى دەل مەن تەرەپكە قارايتتى. سەيناسىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىرچە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنچاق سەينا ئىدى. شۇ جىددىي پەيتتە قارىسام ئوسمان تېرەكنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولۇپ، بىز مەكتەپكە ماڭغان ۋە يانغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە بىزنى قوغلاپ كېتىدىغان قارا ئىتى سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىشىك تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ ئۇخلاۋېتىپتۇ. مەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ كەلگىنىمچە ئوسمان تېرەكنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، بىر سەكرەپ ئىتتىن ئاتلاپ ئۆتتىم. ئەمما قانداق بولدى بىلمەيلا قالدىم، ئاتلاش جەريانىدا ئىتنىڭ دۈمبىسىگە تېپىپ ساپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن چۆچۈپ ئويغانغان ئىت غەزەپ بىلەن ئورنىدىن قوپقىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئېتىلدى. دەل بۇ ۋاقىتتا كەينىمدىن قوغلاپ كەلگەن خىتايمۇ ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ كىرگىنىچە ئىت بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇ ئىت غەزەپ بىلەن بىرلا ئېتىلىپ ئۇ خىتاينى تالاپ كەتتى. ئۇ خىتاينىڭ ئالدىدا مەن بولغاچقا، ئۇ ئىتنى كۆرمىگەنىكەن. ئىشىكتىن كىرىشىگە ئېتىلىپ كەلگەن ئىت بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان خىتاي كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىتنىڭ ئاستىدا قالدى ۋە ئەييا دېسە ئەييا دەپ، سەينادىن قېچىپ چىقتى. ئاچچىقى چىقمىغان ئىت بولدى قىلماي ئۇ خىتاينىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. مەنمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىقىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا ئىتمۇ، ئوسمان تېرەكنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەر ئادەممۇ مېنىڭ سەيناسىغا كىرىپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى كۆرمەيلا قالدى.
خىتاي مەكتەپكە قىلغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىمىز بەك قاتتىق بولدى. چۈنكى بىز 20 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، ھەممىمىز تەييارلىق قىلىپ كىرگەن بولغاچقا، خىتاي مەكتىپىنى قاتتىق ۋەيران قىلىۋەتتۇق. نەچچە سىنىپنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى ۋە ئونلىغان پارتا-ئورۇندۇقلارنى پاچاقلىۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئونلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردۇق. بۇ ۋەقەدىن كېيىن بىز بىرەر ئايغىچە ئېھتىيات قىلىپ، كۈندۈزلىرى خىتاي مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتمىدۇق.