ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»گە ئېلىپ كېتىلمەكتە

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يەنە ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى» غا كوللېكتىپ قاماشقا باشلىغان.

16-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئېرىشكەن بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامەلۇم بىر جايىدا ئۆيىدە بەخىرامان ئولتۇرغان خىتاي ئاققۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالغان ھالدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر سىندىكى خىتايلارنىڭ سۆزلىرىدە، نامەلۇم ئورۇنغا ئادەم توشۇغان 120 نومۇرلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ مەزكۇر رايونغا ئۈچ قېتىم كەلگەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار بەلكىم بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان ئاممىۋى كارانتىن مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەركەزگە 3500-4000 ئەتراپىدا ئادەم سىغىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر ئاپتوبۇس ھەر بىر قېتىم قاتنىغاندا 150-200 گە يېقىن ئادەمنى توشۇغان. ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇسلار ئۇيغۇرلارنى يېرىم كېچىدە مەزكۇر ئاتالمىش ئاممىۋى كارانتىن مەركەزلىرىگە ئېلىپ كەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولمىسىمۇ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى ئاشۇرۇپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 975 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2022 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق