ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى 16-ئۆكتەبىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇۋارىس خوتەن تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن تەشكىللىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا نىشان رادىيو قانىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى خەلىل ئەپەندى، دەنگە رادىيو قانىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەمرۇللا ئايان، ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە كارىدورى گېزىتىدىن سەردار ئاقيول ئەپەندى، خەۋەر كۈنتەرتىپ ژۇرنىلىدىن ياۋۇز سېلىم ئەپەندى قاتارلىقلارغا سىراجىدىن ئەزىزى ۋە ئابدۇۋارىس خوتەن ئەپەندىلەر خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1598 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2022 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق