شى جىنپىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا ئاتالمىش «بىخەتەرلىك» تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. يىغىن مەزگىلىدە ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى بۇرۇنقىدەكلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يىغىننىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۆيلىرىدە كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يىغىن مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كونتروللۇقنى قاتتىق كۈچەيتكەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىدە يىغىن جەريانىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان.

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىلگىرىكى دوكلات مەزمۇنلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىم يىغىندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارىغاندا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

دوكلاتنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى مەزمۇنىدا: «تەيۋەن مەسىلىسىنى خىتاي قارار قىلىشى كېرەك، خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەرگىز قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. تەيۋەن تەرەپ بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 1992-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»، ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋە باشقا ھەر قانداق تونۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قارار قىلىش پەقەت تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئاتالمىش «خىتايچە ئۇسلۇبتا زامانىۋىلاشتۇرۇش» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىدا قاتتىق سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر جياڭ زېمىن قاتارلىق سابىق ئەمەلدارلارنىڭ يىغىندا كۆرۈنمىگەنلىكىنى، شى جىنپىڭ رېجىمىنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، شى جىنپىڭ سايلىنىپ قالسا قاتتىق كونترول ۋە باستۇرۇشلارنىڭ يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2022 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق