شىۋېيتسارىيە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نىقاب كىيىشىنى چەكلەيدىغان قانۇننى يولغا قويغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلارغا 1000 شىۋېيتسارىيە فىرانكىغا يېقىن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن چارشەنبە شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھەدە خانىم-قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تولۇق يۈزىنى يېپىشنى چەكلەيدىغان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزىنى يېپىش مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىزنى يېپىشنى چەكلەيدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن مەكتەپ، سوت، دوختۇرخانا ۋە ئاممىۋى قاتناش، شۇنداقلا رېستوران، دۇكان، كىنوخانا ۋە تەنتەربىيە سارايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاممىۋى ياكى خۇسۇسىي ئورۇنلاردا ئىجرا قىلىنىدىكەن.
2021-يىلى 3-ئايدا شىۋېيتسارىيە ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا يۈز يېپىشنى چەكلەش تەكلىپىنى تەستىقلىغان. مەزكۇر ئاۋازغا قويۇشنى ئوڭ قانات شىۋېيتسارىيە خەلق پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېيتسارىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان بۇ تەكلىپ %51.2 ئەزا تەرىپىدىن تەستىقلانغان، %48.8 سايلىغۇچى رەت قىلغان.
شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «يۈزىنى يېپىشنى چەكلەش» قانۇنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قانۇن ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا نىقاب كىيىش ياكى پۈتۈن يۈزنى ئىبادەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇقەددەس جايلاردا يېپىشقا رۇخسەت قىلىدىكەن. پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ قارارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نېمە كىيىدىغانلىقىنى تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ