نورۋېگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

17-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە نورۋېگىيەدىكى باشقا يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدا نورۋېگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جازا لاگېر شاھىتلىرى ۋە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قاتناشتى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن يېشىللار پارتىيەسى باياناتچىسى ھانسون راسمۇس ئەپەندى، لىبېرال پارتىيەسى رەئىسى مەلبىي گۇرى خانىم، خىرىستىيان دېموكرات پارتىيەسى باش ۋەكىلى ئۇلستېين داگ ئىنگ، نورۋېگىيە پارلامېنتى دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئاندرېس سىجالگ ئاننېلەند قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن ئادىلجان ئابدۇرېھىم بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، مۇئەتتەر ئىلقۇت خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا بۇلتۇر لوندوندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى جېفىرى نايس ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، ئۆمەر بېكالى، گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىق خانىملار خىتاي رېجىمىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇش سۈپىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزلىرى ۋە جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي جىنايەتلىرىدىن ھېساب سورىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئارقىدىن گېرمانىيەلىك ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە ياراتقان ئادرىيان زېنز ئەپەندى يىغىنغا سىنلىق قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

چۈشتىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرى پارلامېنت بىناسىدىن چىقىپ، نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ، بۇ يىغىننى قوللاپ نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 790 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2022 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق