لاگېر شاھىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى پىلانلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مەسىلىسىنى يېتەرلىك بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان 49 ياشلىق قازاق ئەر ئەرباكىت ئوتارباي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئوتارباي ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق قانۇن چىقارمىغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلىشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتارباي ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە خەلقئارا سودا مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى كاتىپى كېمى بادېنوچتىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتىكى مەغلۇبىيىتىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ كېمى بادېنوچقا يازغان خېتىدە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئەنگلىيەگە پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىيەلمىگەنلىكى ياكى باشقا ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنىڭ ئەنگلىيە ئىستېمالچىلىرىغا سېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوتارباينىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى رەت قىلسا، ئوتارباي لوندون يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىكەن.

ئوتارباي 2017-يىلى كېسەل دادىسىنى يوقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان. ئۇ 2017-يىلى 8-ئايدىن 2019-يىلى 5-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان.

ئوتارباي مۇخبىرغا: «مەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم، قازاقىستانغا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىش ھەققى بېرىلمەي مەجبۇرىي ئىشقا سېلىندىم» دېگەن.

 

ئوتارباي 2019-يىلى جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتارباينىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە نۇرغۇن تۇغقانلىرى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 865 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2022 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق