خىتاينىڭ «ئىشىك تاقىماسلىق» ئۇقتۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنمىدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش جىنايى قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا خەلقنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ئاشلىق ياردەم مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيگەندىن باشقا، خىتاينىڭ كېسەللەرنى دوختۇرخانىلارغا قوبۇل قىلمىغان كۆرۈنۈشلىرىمۇ كۆپلەپ تارقالماقتا. ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يېقىنىدا: «ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش داۋامىدا ئاممىنىڭ ئىشىكىنى تېشىدىن تاقاش ئۇسۇلى بىلەن قامال قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار يەنىلا ئىشىكلەرنى تېشىدىن تاقاپ قامال قىلغان.

12-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا بىر ئۇيغۇر خىتاينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە باشقا سىياسەت، شەرقىي تۈركىستاندا باشقا سىياسەت ئىجرا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوش ئۆلچەملىك جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ، يۇقىرىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋامىدا يوللارنى توسۇپ قامال قىلىش، پۇقرالارنىڭ ئىشكىنى تېشىدىن تاقاپ قامال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئەمەلدار پۇقرالارنىڭ ئىشىكلىرىنى تېشىدىن تاقاپ قولۇپلاش ئۇسۇلىنى داۋام قىلغانلىقىنى، ئۆيدە ئوت ئاپىتى ياكى يەر تەۋرەپ قالسا بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش كېرەكلىكىنى، بۇنداق ھادىسىلەر بولغاندا، قايسى كادىر ئىشكىمىزنى ئاچاركىن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆي بېسىۋالسا، بۇنىڭغا كىمنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى قانۇن ساۋادى بارلاردىن بىلىش ئۈچۈن سىنغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى تېشىدىن تاقاپ قامال قىلىپ قىرغىن قىلىش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قاتتىق قامال قىلىپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1151 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2022 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق