خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچىمەكتە

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسى كىچىكلەشكە باشلىغان. خىتاي بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاتراشنى كۈچەيتكەن. خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 13-ئۆكتەبىر ئاستانىدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 13-ئۆكتەبىر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قازاقىستاندا ئېچىلغان ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىننى قازاقىستان تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ۋاڭ چىشەن: «ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت توقايوف تەختكە چىققاندىن كېيىن، قازاقىستان خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا باشلىغان. خىتاي-قازاقىستان بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشىلاپ، يادرولۇق مەنپەئەتىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش مەسىلىسىنى ئالدىنقى نۇقتىغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.

توقايوف ۋاڭ چىشەن بىلەن كۆرۈشكەندە قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان-خىتاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق