NBA نىڭ سابىق توپچىسى رويىس ۋايت داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى لېبرون جېيمىسنىڭ خىتاينى قوللاش ئۈچۈن مىليارد دوللار نەپ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، NBA نىڭ سابىق توپچىسى رويس ۋايت لوس ئانژېلېس لاكېرس كوماندىسىنىڭ چولپىنىنىڭ خىتاينى ئاشكارا قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى لېبرون جېيمىسنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش جىنايىتى ھەققىدە ئۈن چىقارماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
نايك شىركىتى لېبرون جېيمىسقا بىر مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىققا كۆندۈرگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي نايك يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. رويىس ۋايت نايك شىركىتىدىن ھەمكارلىق ئۈچۈن لېبرون جېيمىسقا كەلگەن پۇل مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق ئېنىق پاكىت بىلەن تەمىنلىمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ