شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش كۈچەيتىلدى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قېزىش، ھەمدە خىتايغا توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

خىتاي رېجىمى بۇ يىل 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۆمۈر كان تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق سىن يىغىندا «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر قېزىش مىقدارىنى يېڭىدىن 160 مىليون توننا كۆپەيتىش، ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش، تولۇق قويۇپ بېرىپ، 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە قېزىلغان كۆمۈر مىقدارىنى 400 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورى 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاماملىغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 56 مىليون 263 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 138 مىڭ توننا ئاشقانلىقىنى، 57 مىليون 676 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 452 مىڭ توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 36.6 بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى 37 ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 30 مىڭ توننىدىن ئاشۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ كاپالىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خېمىيە سانائىتى، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

يېقىندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ئەسلىدە ئاۋسترالىيەدىن زور مىقداردا كۆمۈر ئىمپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. ئاخىرىدا خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان كۆمۈرنى توختاتقان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليونلىغان توننا بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا قاتتىق نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئاددىيسى كۆمۈر يېقىلغۇغا بولغان ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ قامدالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2022 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق