بېيجىڭ كوچىلىرىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا شى جىنپىڭغا قارشى پىلاكاتلار بېيجىڭ كوچىلىرىدا پەيدا بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە كۈچلۈك زەربە بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەتتىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن، بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە چوڭ نامايىش پىلاكاتى پەيدا بولغان. پىلاكاتتا: «ئىش تاشلاپ، ئوقۇش تاشلاپ، دىكتاتور ۋەتەن ساتقۇچ شى جىنپىڭنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايلى» دېگەن شوئار يېزىلغان بولۇپ، خەلقنى شى جىنپىڭغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ۋەقە 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بېيجىڭ كوچىلىرىدا كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە بىۋاسىتە قارشىلىق قىلغان شوئارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوچىلاردا پىلاكات ئېسىش ئارقىلىق قىلغان مەزكۇر نامايىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ قارشىلىق خىتايدىكى جامائەت پىكىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقچى بولغان خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تەۋرىتىشى، ئۇلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

13-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە توردا كەڭ تارقالغان بىر قانچە سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى جۇڭگۈەنسۈندىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قىزىل خەتلىك ئىككى پىلاكات پەيدا بولغان. پىلاكاتتا: «يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرتمەي تاماق يەيلى! قامال قىلىنماي ئەركىن بولايلى! يالغان ئېيتماي قەدىر-قىممەت تەلەپ قىلايلى! مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرىگە قايتماي ئىسلاھ قىلايلى! رەھبەرنى رەت قىلىپ بېلەت تاشلايلى! قۇل بولماي پۇقرا بولايلى!» دېگەن شوئار يېزىلغان.

يەنە بىر پىلاكاتقا: «ئىش تاشلاپ، ئوقۇش تاشلاپ، دىكتاتور ۋەتەن ساتقۇچ شى جىنپىڭنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايلى!» دەپ يېزىلغان.

ئۇندىن باشقا قارشىلىق ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ سىن تارقالغان. بۇلارنىڭ ئىككىسى ئاۋازسىز سىن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پىلاكاتنى چۈشۈرۈپ، نەق مەيداننى جىددىي بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەيداندا قويۇق ئىس-تۈتەك پايدا بولغان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملار ئوتنى ئۆچۈرگەن. ئۈچىنچى سىن ئاۋازلىق بولۇپ، ئالدىراش يول ئېغىزىدا ساقچىلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىغان. نامايىشچى ياڭراتقۇ ئارقىلىق: «بىز تاماق يەيمىز! ئەركىنلىك ئۈچۈن بېلەت تاشلايمىز! ئىش ۋە دەرس تاشلاپ دىكتاتور شى جىنپىڭنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايلى» دېگەن شوئارنى قايتا-قايتا توۋلىغان. يىراقتىن تارتىلغان ئىككى پارچە سۈرەتتە قالپاق كىيگەن بىر كىشىنىڭ ۋە ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە پىلاكات ئاسقان كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشچە، نەق مەيداندا كۆيگەن ئوت ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ئەمەس بولۇپ، نامايىشچى باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 666 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2022 11:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق