بارات توۋلاش

 

بارات توۋلاش

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 1-بابىدىن

 

كىچىك ۋاقىتلىرىمىز ھەقىقەتەن غەمسىز، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچ كىرگۈچە ئويناش بىلەن ئۆتەتتى. بىردەم تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىساق، يەنە بىردەم چەمبەر ئوينايتتۇق. بىردەم تۇلۇق ئوينىساق، يەنە بىردەم بىرەر تال خىش تېپىپ، يىپ بىلەن باغلاپ، ماشىنا قىلىپ سۆرەپ ئوينايتتۇق. بىردەم گاگا ئوينىساق، بىردەم چىقامدۇ ئوينايتتۇق. بىردەم پۇشايمان ئوينىساق، يەنە بىردەم شول دەريا ئوينايتتۇق. بىردەم قولدام ئوينساق، بىردەم مۆكۈشمەك ئوينايتتۇق. بىردەم تېپىشماق تېپىشىپ ئوينىساق، يەنە بەزىدە چۆچەك ئېيتىشىپ ئوينايتتۇق. بىردەم ھەربىي-دۈشمەن بولۇپ سوقۇش ئوينىساق، يەنە بىردەم بىرەر قوشنىمىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا تۆكۈپ قويغان بىرەر ماشىنا توپىنى تالىشىپ، «چۈشە مېنىڭ شەرىم» دەپ ئوينايتتۇق. بىردەم سوقما ئوينىساق، بىردەم قارلىغاچ ئوينايتتۇق. بىردەم ئوشۇق ئوينىساق، يەنە بەزىدە پىستان، شايبا، ۋېلىسىپىتنىڭ زەنجىرى، پىروزا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئوينايتتۇق. قىش كەلسە چانا تېيىلىپ ئوينايتتۇق، نۇر چۆرگىلىتىپ ئوينايتتۇق. دادام ماڭا 30 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە ياغاچ ئاياغ ياساپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ بۇنداق ياغاچ ئايىغى بولمىغاچقا، بۇ مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئويۇن ئىدى.

بارات ئېيى كەلگەندە ناماز شامدىن كېيىن مەھەللىنىڭ ياشلىرى ئۇزۇن بىر خادىنىڭ ئۇچىغا بىرەر دېھقاننىڭ كۆتەك ھارۋىسىدىن ئوغرىلىۋالغان ياغلىق قاپاقنى ئېسىپ، ئەگەر ياغلىق قاپاق تاپالمىسا، بىر قانچە ئەسكى رېزىنكە ئاياغنى ئېسىپ، ئوت يېقىپ مۇنداق دەپ بارات توۋلايتتى:

«شەمۇشەدە باش كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

ياغلىق قاپاقتا ئوت كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

دۈشمەنلەردىن قورقمايمىز،

ياغلىق قاپاقتا ئوت كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

.............

موللام چىقتى ئۆرۈككە،

ھەق دوست يا ئاللاھ.

شوخا كىردى ..... كە

ھەق دوست يا ئاللاھ،

شوخا كىرگەنگە چىدىيالماي،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

ژۇمىلاڭشىدى يانتاققا،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

ھەق دوست-ھەق دوست يا ئاللاھ،

ھەق دوست يا ئاللاھ.»

دەپ، توۋلاپ مەھەللىنى ئايلىناتتى. بەزى ۋاقىتتا ساينىڭ غەربىدىكى سۇ قوۋۇقنىڭ ياشلىرى بىلەن ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا چالما جەڭ قىلىشاتتى. بۇنداق چالما جەڭلەر بەك ھەيۋەتلىك باشلىناتتى. بىزنىڭ مەھەللىنىڭ 30-20 ياشلىرى ئوت كۆتۈرۈپ، بارات توۋلاپ ساينىڭ بويىغا كېلەتتى. ساينىڭ غەربىدىكى سۇ قوۋۇقنىڭ 30-20 ياشلىرىمۇ ئوت كۆتۈرۈپ، بارات توۋلاپ ساينىڭ بويىغا كېلەتتى. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈشەتتى. ئاندىن باشلىقلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ھۇررا دېيىشىپ، ساينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ بىر-بىرىگە تاش ۋە چالما-كېسەك ئېتىشاتتى. قايسى تەرەپ چىداملىق ۋە كۈچلۈك بولسا، ئاجىز كەلگەن تەرەپنى سۈر-توقاي قىلىپ مەھەللىسىگە قوغلىۋېتەتتى. ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن نەچچىسىنىڭ قاش-قاپىقى ئىششىپ قالغان ياكى يېرىلغان بولاتتى. بۇنداق ئۇرۇشلار يەنە 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقساقنىڭ ياشلىرى بىلەنمۇ بولاتتى.

مەن ھەر ئىككى مەھەللە بىلەن بولغان مۇشۇنداق بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باققانىدىم. بىر قېتىم بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ياشلىرى ناماز شامدىن كېيىن سۇ قوۋۇقنىڭ ياشلىرى بىلەن سايدا ھە دەپ جەڭ قىلىشىۋاتاتتى. پۈتۈن ئەتراپ قاراڭغۇچىلىق بولۇپ، پەقەت ئىككى مەھەللىنىڭ بالىلىرى بارات كۆتۈرگەن ئادەمنىڭ بېشىدەك ئوت ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر-بىرىگە يېقىن يەردە يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئوتلارنىڭ يورۇقى ساينىڭ ئىچىدە ئىككى مەھەللىنىڭ بىر-بىرىگە قارشى تاش ئېتىشىۋاتقان ياشلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا بىز كىچىكلىرىمىز ساينىڭ بويىدا ھاياجان بىلەن تاماشا كۆرۈۋاتاتتۇق. بىر چاغدا بىرسىنىڭ: «ۋاي سۇ كەلدى، قاچ!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى دەرھال كەينىگە قاراپ قېچىشتى. بۇ ناماز خۇپتەنگە يېقىنلاشقان ۋاقىت بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئارىلىقتا كەلگەن كەلكۈن بىردەمدىلا پۈتۈن ساينى قاپلاپ، ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئېقىشقا باشلىدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر قانچىدىن ئادەملىرى سۇدا قېلىپ تەستە قۇتۇلۇشتى.

يازنىڭ مەلۇم بىر ئاخشىمى بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ياشلىرى ساقساق مەھەللىسىنىڭ ياشلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەھەللىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆت يولنىڭ ئېغىزىغا يىغىلىپ، ئوتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەيۋەت بىلەن بارات توۋلىغىنىچە ساقساق مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى:

شەمۇشەدە باش كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

ياغلىق قاپاقتا ئوت كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

دۈشمەنلەردىن قورقمايمىز،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

ياغلىق قاپاقتا ئوت كۆتۈرۈپ،

ھەق دوست يا ئاللاھ،

.............

بۇ ئۇرۇش بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىنوخانىنىڭ ئالدىغا بارىدىغان يول ئۈستىدە، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىنىڭ سەل ساقساق تەرىپىدە بولدى. ئۇرۇش بولغان يولنىڭ ئوڭ تەرىپى 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قويۇق چىتلىق بىلەن قورشالغان بېغى بولۇپ، سول تەرىپىدە 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ بۇرجەك يەردە قوناقلىق بار ئىدى.

بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ياشلىرى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا سىم بىلەن باغلانغان تۆت-بەش تال كونا رېزىنكە ئاياغ بار بولۇپ، ساقساقنىڭ ياشلىرى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا يوغان بىر ياغلىق قاپاق بار ئىكەن. يىراقتىن قارىسام ئۇ ياغلىق قاپاقنىڭ ئوتى شۇنداق يوغان بولۇپ، بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئوتىدىن بىر ھەسسە كۈچلۈك بولغاچقا، ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋېتىپتۇ. مەن قورقۇپ چوڭلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم.

ئىككى مەھەللىنىڭ ياشلىرى بىر-بىرىگە 40-30 مېتىر كەلگۈدەك يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ سەپ تۈزۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلىرى «ھۇررا» دەپ بۇيرۇق بېرىش بىلەن تەڭ بىراقلا ئۇرۇش باشلاندى. ئېتىلىۋاتقان تاش، داڭگاللار بەك ھەيۋەتلىك ئىدى. ئۇرۇش باشلىنىپ، بىردەمدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپتىن تاش، داڭگالنىڭ زەربىسىگە چىدىمىغانلار ئۆزلىرىنى قوناقلىققا ئېتىشقا باشلىدى. قارىسام مەن خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ قاپتىمەن. بىردەم ئېتىشقاندىن كېيىن بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بالىلىرى سەل ئاجىز كېلىشكە باشلاپ، مەيداندا پەقەت بەش-ئالتە ئادەم قالدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياغلىق قاپىقىنىڭ ئوتى چوڭ ھەم بەك يورۇق بولغاچقا، ئۇ ئوتنىڭ يورۇقلۇقى بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بالىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئوتىمىزنى كۆتۈرگەن ئەھەت چىچچاڭ دەپ بىر ياش بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرسۇن تاكىراڭ، سول تەرىپىدە ئەھەت پەپە، ئۇلارنىڭ سەل كەينىدە مەن قاتارلىق يەنە ئىككى-ئۈچ كىشى قالغانىدۇق. بۇ ۋاقىتتا تۇرسۇن تاكىراڭغا بىر تاش تېگىش بىلەن يولنىڭ بويىدىكى ئېرىققا يۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتى. مەن «ھەي ئەمدى...» دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا سول قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە يوغان بىر داڭگال تېگىپ كاللىموللاق چۈشتۈم. مەن قورقۇپ كېتىپ، ھەم داڭگالنىڭ ئاغرىقىدا سول تەرەپتىكى قوناقلىققا قاچاي دەپ ئەمدى تېخى بىر-ئىككى قەدەم يۈگۈرۈشۈمگە، كەينىمدىكى نۇرمەمەت توقۇبەز دېگەن كاسامغا بىرنى تېپىپ: «قاچما» دېدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئىزا تارتىپ كېتىپ يەنە ئالدىغا ئۆتۈپ تۇردۇم. دەل بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ قوشنا ئەھەت پەپە يېنىمدىلا پەيدا بولۇپ، قولىدىكى چاناقتىن (رەگەتكە) ساقساقنىڭ بالىلىرى كۆتۈرۈپ ماڭغان قاپاقنى چەنلەپ بىر تاش ئاتتى. ئۇ تاش بېرىپ دەل قاپاقنى خادىغا ئاسقان سىمغا تەگدى بولغاي، ھېلىقى ئوت كۆيۈۋاتقان قاپاق خادىدىن ئاجراپ، پوككىدە يەرگە چۈشكىنىچە يېرىلىپ، نەچچە پارچە بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقساقنىڭ بالىلىرىنىڭ كەيپى ئۇچۇپ، جەڭگىۋارلىقى يوقىدى. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بالىلىرى بىردىنلا جانلىنىپ ئۇلارنى سۈر-توقاي قىلىۋەتتۇق.

بىز غەلىبە قىلغان بولساقمۇ، ئارىمىزدا تاش، داڭگال يېمىگەن ئادەم قالمىغان بولسا كېرەك، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن يېگەن تاش، داڭگاللىرىمىز ئاز بولۇپ قالغاندەك ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن تاياق ۋە دەككە-دەشنەم يېدۇق.

داڭگال تەگكەن قۇلىقىمنىڭ ئالدى تەرىپى ئازراق يېرىلىپ كەتكەنىدى. ياغلاپ قوياي دېسە، ئۆيدە قۇيرۇق ياغ يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپام قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كەتتى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ بىر ھازاغىچە پېشانەمنى نوقۇپ قايناپ كەتتى. چۈنكى مەھەللىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قاش-قاپىقى، يۈز-كۆزلىرى يېرىق بولغاچقا، ھېچكىمنىڭ ئۆيىدە قۇيرۇق يېغى قالماپتۇ.

ئەتىسىدىن باشلاپ مەھەللىنىڭ ياشلىرى ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچمىغانلاردىن، ئوت كۆتۈرگەن ئەھەت چىچاڭ، تۇرسۇن تاكىراڭ، ئەھەت پەپە، نۇرمەمەت توقۇبەز قاتارلىق بەش-ئالتە ياشنى نەچچە كۈنگىچە قەھرىمان دەپ ماختىشىپ يۈردى. ئەمما مەنمۇ كىچىك بولغان بىلەن ئاخىرغىچە قاچمىغانىدىم. لېكىن مېنى ھېچكىم ماختاپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈنگىچە كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ كەتتى.

ئەسكەرتىش: كىتاب مەزمۇنىنى ئوقۇغان بەزى كىشىلەر ئايرىم ئۇچۇر ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ۋەتەنگە ئائىت قىسمىدىنمۇ بىرقانچە بابنى ھەمبەھرىلىشىمنى ئۆتۈندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بابنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم. بىر قانچە كۈن ئىچىدە يەنە بىر بابنىمۇ ھەمبەھرىلەيمەن. ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلار بولسا ئەركىن-ئازادە قالدۇرۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن.

 

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2022 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق