ئېرلاندىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا «بىز نېمىشقا ئۇكرائىنانى قوراللاندۇرۇپ، پەلەستىننى قوللىمايمىز؟» دېگەن تەلىپى دىققەت قوزغىدى.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە، پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېرلاندىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى كلايىر دالىنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان. مەزكۇر سىندا ئۇكرائىنانى رۇسىيەگە قارشى قوراللاندۇرۇش تەلىپى ھەققىدە سۆز قىلغان كلايىر دالى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى پەلەستىن ۋە يەمەن مەسىلىسى بىلەن سېلىشتۇرغان.
ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا ھەققىدىكى يىغىندا، كېڭەش ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق ھەققىدە بېلەت تاشلىغان. كلايىر دالى مەزكۇر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇكرائىنانى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇكرائىناغا قارشى تۇرغانلىق ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ھەم رۇسىيەنى قوللىغانلىقمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق مەنتىقىدۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى قوش ئۆلچەمنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۇكرائىنانى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنى ھەمىشە مۇزاكىرە قىلىمىز، ئەمما پەلەستىن خەلقىنى ياكى يەمەن خەلقىنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنى بىر قېتىممۇ مۇزاكىرە قىلىپ باقمىدۇق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئېرلاندىيە ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ سۆز قىلىشى ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللاش يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغانلىق دېگەن قاراشنى تەنقىد قىلغانىكەن.
ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى سۆزىدە: «ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغانلىق ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇننى قوغداش مەسىلىسىدۇر، كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئىرقىي تازىلاشنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىش يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان نۇقتىئىنەزەر ئەمەس، بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ھەقىقەت» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ