شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى دىققەت قوزغىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق رايوندىكى قاتتىق قامال قىلىپ، قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئۆكتەبىر ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 12-ئۆكتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 64 ى كۆپەيگەنلىكى، بۇلار ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا توققۇز، سايباغ رايونىدا بەش، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 11، بۇلاقتاغ رايونىدا توققۇز، ئىقتىساد ئېچىۋېتىش رايونىدا ئۈچ، مىچۈەن-دۇڭشەن رايونىدا تۆت، غۇلجا شەھىرىدە 10، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئىككى، تۇرپان شەھىرىدە بەش، كورلا شەھىرىدە ئالتە بىمار بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 339 ى كۆپەيگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا 46، سايباغ رايونىدا 42، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 31، بۇلاقتاغ رايونىدا 37، ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىدا 22، مىچۈەن-دۇڭشەن رايونىدا 27، غۇلجا شەھىرىدە 51، غۇلجا ناھىيەسىدە تۆت، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 22، تۇرپاندا 23، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 34 ئىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 12-ئۆكتەبىر سائەت 24 كىچە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ ئومۇمىي سانىنى 332 نەپەر، يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 2495 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق قامالنى كۈچەيتىش، ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قامال قىلىپ باستۇرۇش، خەلقنى ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن ۋەيران قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 899 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2022 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق