خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشى ۋە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ساھەلەردىكى خىتايغا قاراتقان چەكلىمىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ تىپىك پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ۋە ئىلغار ھېسابلاش قاتارلىق ساھەلەردە خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى 31 ئورگاننى ئېكسپورتنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.

بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىگەنىدى. شۇنداقلا بۇ تەدبىر ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينى تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن چەكلەشنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيانقى خىتايغا يېڭى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغاندىن بىرى يولغا قويغان ئەڭ چوڭ سىياسەت ئۆزگىرىشى ئىكەن. ئەگەر مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسا، بۇ تەدبىر ئامېرىكا ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنى ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىلغار تېخنىكا زاۋۇتلىرى ۋە ئۆزەك لايىھەلىگۈچى شىركەتلىرىنى قوللاشنى ئازايتىشقا مەجبۇرلاپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 638 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2022 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق