ئامېرىكا خىتايغا قارشى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» نى مۇنازىرە قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» توغرىسىدا مۇنازىرە باشلىغان بولۇپ، ئاساسلىق نۇقتا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 11-ئۆكتەبىر 2023-يىلدىكى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى رەسمىي باشلىغان. بۇ چوقۇم ماقۇللىنىشى كېرەك بولغان 817 مىليارد دوللارلىق خامچوتقا چېتىلىدىغان قانۇن لايىھەسى بولۇپ، بۇ لايىھە بەش بۇرجەكلىك بىناغا  مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى بەلگىلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ لايىھە يەنە خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش شۇنداقلا تەيۋەن ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كېڭەش پالاتاسى ئارمىيە ئىشلىرى مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەك رېد كېڭەش پالاتادا قىلغان سۆزىدە: «بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇقى» نى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەسىلىسىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە بېيجىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئىزچىل خىرىس قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا زور يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

«دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇنى» نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ تېكىستى دەرھال ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ئەمما كېڭەش پالاتاسىنىڭ ياردەمچىلىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ سېنتەبىردە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ماقۇللىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، تەيۋەنگە بولغان بىخەتەرلىك ياردىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2022 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق