شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقئاراغا مۇراجىئەت قىلدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئائىلىگە ۋە ئايرىپ قاماش ئورنىغا قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماسلىق قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولغان. شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلغان ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ئاشلىق ياردەم مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيگەن. خىتاي كېسەللەرنى دوختۇرخانىلارغا قوبۇل قىلماي قىرغىن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تېنى ساغلام ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرىغا قامىغان. مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، تاماق بەرمەي قىيناش سەۋەبلىك كېسەللىك تېخىمۇ كۆپەيگەن. خەلق كېسەل بولغاندا داۋالىماي ياكى دوختۇرخانىغا ئاپارماي تاشلىۋەتكەن. ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى داۋام قىلىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ پىدائىي سەپلەپ كېسەللەرگە مۇلازىمەت قىلدۇق دەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئال ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىچە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

10-ئۆكتەبىر تارقالغان 47 سىكۇنتلۇق سىندا ئايرىپ قاماش ئورنىغا قالغان بىر ئۇيغۇر ئايال خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ، دوستلىرىدىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇلىنىدىغان يانفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە پۇت-قولىدا سېزىم قالمىغانلىقىنى، دائىرىلەر سولاپ قويۇپ داۋالىماي تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كارانتىن ئورنىغا قامالغاندا ساغلام ئىكەنلىكىنى، خەلقئاراغا تىز ئۇلىنىدىغان نومۇر بولسا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە خەلقئاراغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلغان قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش »باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغان. خىتاينىڭ قامال قىلىپ قىرغىن قىلىش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قاتتىق قامال قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشقان. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1261 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق