ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان.
داجيۈەن تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ، ئامېرىكا گېنېراللىرى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا ئارمىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبىي ئافرىقا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مايور گېنېرال تود ۋاسموند ياۋرۇپا خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا: «قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى پات ئارىدا يۈز بېرىۋاتقان خىرىسقا ۋە رۇسىيەنىڭ جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، خىتاي مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. نۆۋەتتىكى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى رىقابەت كۈچىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئافرىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىپ يەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ھەرخىل ۋاسىتە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىپ كەلدى » دېگەن.
گېنېرال تود ۋاسموندنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 2-بىخەتەرلىك قىسمىغا ياردەم بېرىش بىرىگادىسى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلىشىغا ياردەملەشمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاخىرىدا ئىككىنچى بىخەتەرلىك قىسمى بولغان ئافرىقىدىكى شېرىكلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىشكە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئەمما خىتاي-رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى بۇ ۋەزىپىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
«مۇداپىئە خەۋەرلىرى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، 2017-يىلى بەش بىخەتەرلىك قىسمىغا ياردەم بېرىش ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىرىدە 800 نەپەر ئەسكەر بار ئىكەن. ئۇلار چەتئەل ھەربىي كەسىپداشلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنداق بولغاندا ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشىغا ئالدىن شارائىت ھازىرلايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ