دوكلات: خىتاي چەت ئەلدە ساقچى پونكىتى قۇرغان

خىتاينىڭ چەت ئەلدە ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئاتالمىش «110 چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت مەركىزى» نى ئاچقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر ئاتالمىش «ساقچى مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ بەزىلىرى كىشىلەرنى خىتايغا قايتىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

 دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشى خەلقئارانىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، كىشىلەر خىتاي قۇرۇپ چىققان بۇ ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ نەزىرىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «چەت ئەلدىكى ساقچى مۇلازىمەت مەركەزلىرى» ساياھەتچىلەرگە كۈندىلىك مەسىلىلەردە ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئورۇن يەنە خىتاينىڭ يەر شارىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش مۇرەككەپ تورىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەزكۇر ئورۇن ئارقىلىق قارا قولىنى خىتاينىڭ سىرتىغا سۇنۇشقا باشلىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، رەسمىي ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ رايونلۇق ساقچى ئەترىتى يەر شارىدىكى بەش قىتئەدە كەم دېگەندە 54 ئورۇندا ئىشخانا قۇرغان. بۇ مەركەزلەرنىڭ جىددىي ئالاقە نومۇرى 110 بولۇپ، بۇ ساقچى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى چەتئەلدىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى بىلەن باغلىنىدىكەن. بۇ ئورۇنلار ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

دوكلاتتا خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇلنىڭ بىرى ئاتالمىش «قايتىشقا قايىل قىلىش» ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي نىشانلىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قورقۇتۇش، پاراكەندە قىلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتايغا قايتىشقا قايىل قىلىش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلارنى ئىشقا سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2021-يىلى 4-ئايدىن 2022-يىلى 7-ئايغىچە، 230 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تور ۋە يانفوندا ئېلېكتىرونلۇق ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2022 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق