خىتاي ھۆكۈمرانلىقى دۇنياغا تەھدىت بولماقتا

ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى: «خىتاينىڭ تېخنىكىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى دۇنياغا تەھدىت بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى جېرېمىي فىلېمىڭنىڭ ئىشخانىسى تاراتقۇلارغا يوللىغان نۇتۇق تېكىستىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدا «خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوللاش ۋە ئېچىش يوللىرىنى تېپىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى كونترول قىلىش پۇرسىتى ئىزدەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يوشۇرۇن رەقىب ياكى يوشۇرۇن بېقىندىلار دەپ ئىككى لاگېرغا بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۇلارغا تەھدىت سالىدۇ ياكى پارا بېرىدۇ ياكى زورلايدۇ» دېگەن مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.

فىلېمىڭ سۆزىدە يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىدىن قورقىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ئوچۇق ۋە دېموكراتىك تەرتىپ ۋە قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تۈزۈمدىن قورقىدىغانلىقىنى، بۇ قورقۇنچ خىتاينىڭ كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا بۇ ئەھۋالنىڭ غەربكە چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىلېمىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ: «غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك، بىرىكمە بىئولوگىيە ۋە گېنولوگىيە قاتارلىق مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ مۇھىم تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە خىتاينى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش چەكلىگەنىدى. شۇنداقلا بۇ تەدبىر ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بۇ چەكلەش قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ قائىدىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا KLA Corp ۋە قوللىنىشچان ماتېرىياللار شىركىتىگە يازغان مەكتۇپتا كۆرسىتىلگەن چەكلىمىلەرنى ئاساس قىلغانىدى. بۇ مەكتۇپلار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساش سودىگەرلىرىدىن ئىلغار لوگىكىلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان بارلىق خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلارنى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2022 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق