خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 30 مىڭدىن ئارتۇق 5G پونكىتى قۇردى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تور ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا  30 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇپ چىقىش قىلمىشىمۇ خەلقنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل پۈتۈن رايوندا 5G قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرغانلىقىنى، ھازىرغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان 5G ئاساسىي پونكىتى سانى 12 گە يېقىنلاشقان. بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ شەھەر رايونى، ناھىيە بازىرى رايونى ۋە 90.53 يېزا - بازار رايونىنى 5G تورى بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم كەنتلەردە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي 5G تورىنى يەنە كۆپەيتىپ ناھىيە-يېزىلارنى كەڭ قاپلاشنى پىلانلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بۇ يىلنى شەرقىي تۈركىستاندا 5G نى قوللىنىشنى كۆلەملەشتۈرۈش ئاچقۇچلۇق يىلى قىلىپ بېكىتكەن. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە 5G نى قوللىنىۋاتقان نۇقتىلىق ساھەلەر 70 تىن  ئاشقان.

ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى جېرېمىي فلېمىڭنىڭ Jeremy Flemingتاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ رەقەملىك پۇل ۋە بەيدۇ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكى قىسىمدا خەلقنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتقا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 5G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەشتىكى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولماستىن، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ قولايلىق شارائىتلاردىن ھەقىقى پايدىلانغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىزىقتۇرۇشلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2022 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق