تۈرمە خاتىرىسى 2
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن (قىسقارتىلدى)
11- ئاينىڭ 2- كۈنى (دۈشەنبە) كەچتە ھەممىمىز كانتېن (دۇكاندىن ئالىدىغان مال تىزىملىكى) يازدۇق. ماڭا بەش-ئالتە خىل نەرسىنى ئارتۇق يازدۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 10 لىرالىق بىر دانە پىلاستىك ئورۇندۇق بولۇپ، مەن: «قىممەتكەن» دېسەم، يېنىمدىكى بىرسى: «مېنىڭ تۆتى بار» دەيدۇ. مەن شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق مەيلى دېدىم.
11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى (سەيشەنبە) ئالغان ماللىرىمىزنى ئەكېلىپ بەردى. مېنىڭكى 54.5 لىرا بوپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر دانە پىلاستىك ئورۇندۇق، ئىككى دانە پاس-پاس (ئۇزۇن دەستىلىك سۈپۈرگە) سېپى، ئىككى خالتا كىر سوپۇنى، بىرقانچە تال ئارا قاتارلىقلار بار ئىدى.
بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى كېلىپ:
- سېنى چاقىرىۋاتىدۇ،- دېدى. مەن 2 - قەۋەتتىكى 06 نومۇرلۇق ياتاققا چىقتىم. بۇ ياتاقتا بىرقانچە كىشى ئولتۇرۇشۇپتىكەن. ئۇلاردىن بىرى ماڭا:
- بىزنىڭ گۇرۇپپىدا 5 كىشى بار، ھېچقايسىمىزغا گەپ قىلمايسەن، بۇ ھەپتە پەقەت گۈلتېكىنلا بىر نەرسە ئالدى، يەتمىگەننى ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ يېدۇق، - دېدى. مەن:
- ماڭا ھېچكىم بىر نەرسە دېمىدى، شېكەر، قەھۋە ئالدىم، بىر قاپ تاماكا بېرەي. يەتمىسە بار نەرسىلەرنى باشقا نەرسىلەرگە تېگىشىپ ھەپتىنى ئۆتكۈزەيلى. بۇنىڭدىن كېيىن مال يازغاندا مەسلىھەت بىلەن يازايلى،- دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ:
- بولىدۇ،- دېيىشتى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بەزىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
بۈگۈن قىلغان چىقىملىرىمنى ھېسابلاپ باقسام، بىر ئايدا 220 لىرا خەجلەپتىمەن.
بىزنىڭ گۇرۇپپىدىن بىرسى ئەكمەكنىڭ (ناننىڭ) قېتىغا سارماي، مۇراببا دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ، پارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، پىشۇرۇپ دۆنەر قىلىپ يېدى، ھەيران قالدىم.
كەچتە پەستىكى ئىككى ياتاقتىكى 6 ئادەمنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ياتاققا يىغىلىپ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇشتى. ئەخمەت دېگىنى دەرد تۆكۈپ:
- قانداق دېگەن گەپ بۇ، ئىككى ئايدا 700 لىرا پۇلۇم تۈگىدى، ئەمدى بىر نەرسە ئالمايمەن، - دېدى. بۇ چاغدا ئورھان:
- گۇرۇپپىغا قوشۇلمىساق، ئارتۇق بىر نەرسە ئالمىساق بولمامدۇ،- دېدى. ئەخمەت ئورھانغا:
- ئەگەر پۇل خەجلىمىسىڭىز ئوتتۇرىدا گەپمۇ قىلالمايسىز، ھېچكىم سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ،-
دېدى.
ئۇلار مەندىن شەرقىي تۈركىستان ھەم ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئۇنى-بۇنى سورىشىدۇ. دەپ بېرىمەن. دەپ بېرىپ تۇرسام ھەممىسى خۇددى بىر جادۇگەر تەرىپىدىن سېھىرلىۋېتىلگەندەك پەقەتلا بىلمەيدۇ. يەنە تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان... دەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ، كاللىسىغا چۈشمەيدۇ، ھېچقايسىسى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تېرىكىپ:
- سىلەر داۋاملىق ئەپۇ قىلىش قانۇنى چىقسا دەپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرىسىلەر، بۇ تۈرمە بەك ياخشى ئىكەن، نېمىشقا سىرتقا چىقىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىسىلەر. ئۆي ئىجارىسى يوق، سۇ، توك، گاز بىكارلىق، يەيدىغان، ئىچىدىغان ھەممە نەرسە تەييار، گويا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا ئوخشايدىكەن، سىلەر نېمە دېگەن بەختلىك، ياشىسۇن تۈركىيە! - دېسەم، چىچاڭشىپ، جېنى چىقىپ قاقشاپ كېتىدۇ.
11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى (پەيشەنبە) ناشتىدىن كېيىن پەنجىرىدىن قاراپ تۇرسام سەينادا بىردىن-ئىككىدىن بولۇپ، ئۇ ياندىن بۇ يانغا مېڭىپ يۈرگەنلەردىن بىرى مېنى خىتايدىن كەلگەن دېمەكچى بولۇپ، «كوپى، كوپى، كو...» دېيىشىگە، يامغۇر سۈيى ئېقىپ كېتىدىغان تۆشۈكنىڭ يېنىغا سۈيى ئېقىپ كەتسۇن دەپ تۆكۈپ قويغان ئەخلەتكە دەسسىۋېلىپ، تېيىلىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭمۇ، يېنىدىكى شېرىكىنىڭمۇ ئىشتانلىرىنى يوقاتتى. مەن كۈلۈپ كېتىپ:
- كوپى، كوپى، كوكنىڭ خۇلاسىسى چىقتى، - دېدىم. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (جۈمە) ئادۋوكاتىم خاقان ئاشىق كەلدى. ئۇ مېنى مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنى ھۆكۈم چىققۇچە قويۇپ بېرىش توغرۇلۇق ئارا مەھكىمىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىكەن، 3 - كۈنى 11 - ئېغىر جازا مەھكىمىسىدىن رەت قىپتۇ. ماڭا ئۇ رەت قىلغان قەغەزنى بەردى. مەن ئۇ قەغەزنى كامېردىكىلەرگە كۆرسەتتىم. ئۇلار «11 - ئېغىر جازا مەھكىمىسى» دېگەن خەتنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى. مەن بۇرۇن بۇ تۈرمىگە يۆتكىلىپ كەلگەندە پەقەت: «F-1 دىن كەلدىم» دېگەن ئىدىم.
ئۇلارنىڭ چوڭلىرى پات - پات بىزنىڭ ياتاقتا سۆھبەتلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن بىرقانچە گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (يەكشەنبە) بۈگۈن چوڭ تازىلىق قىلدۇق. تازىلىقتىن كېيىن بىزنىڭ كامېردا يەنە سۆھبەت بولدى. گۈلتېكىن ئاچچىق بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ ياتىدۇ. شۈكۈر تاغىمىز، ئەخمەت، ئورھان، مەن بولساق ۋەتىنىمىزنى ئالدايمىز دەپ ياتىمىز. بۇ ئىشقا قاراڭلار! بۇ ھالىمىزغا قاراڭلار! - دېدى.
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (پەيشەنبە) بۈگۈن ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغان مۇبارەك كۈن. ئەجەبا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىز قانداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەندۇ؟
بۇلارغا شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى پەقەتلا بىلدۈرەلمىدىم. بەزى يېشى كىچىكلىرى مېنىڭمۇ تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقماقچى بولىدۇ. بەزەن قالايمىقان گەپ قىلغۇسى، ئۇنى-بۇنى سورىغۇسى بار. مەنمۇ بۇنداق ۋاقىتتا: «ياشىسۇن تۈركىيە» دەپ ئەرۋاھىنى ئۇچۇرىمەن. خېلى بولدى، ماڭا ئۇنداق دېمەيدىغان، بىر نەرسىمۇ سورىمايدىغان بولۇشتى...
11- ئاينىڭ 17- كۈنى (سەيشەنبە) بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. ئەتىگەندە تۈرمە ساقچىلىرى كىرىپ يوقلىمىدىن كېيىن:
- مەھمەت ئۇيغۇر! - دېدى. مەن:
- مانا مەن، - دېدىم. ئۇلار يېنىمنى ئوبدان تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ ماڭدى. 50-40 ئادەمنى قاتار قىلىپ مەركىزىي كىرىش ئىشىكىگە يىغدى. ئۈچتىن، ئۈچتىن چاقىرىپ جىنايەتچى سالاھىيىتىمىزنى ئېنىقلىدى. ئارىمىزدىكى بىرسىنىڭ ئىسمى ئوقۇلغاندا، ئۇ:
- مېنىڭ قايسى مەھكىمە ئىكەن؟ - دەپ سورىدى. تۈرمە ساقچىسى:
- 9- ئېغىر جازا مەھكىمىسى، - دېدى. مەن ئىچىمدە «ھە...» دېدىم. كېيىن مېنىڭ ئىسمىمنى ئوقۇغاندا، مەنمۇ:
- مېنىڭ قايسى مەھكىمە ئىكەن؟ - دەپ سورىدىم. تۈرمە ساقچىسى:
- ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت مەركىزىي سوت مەھكىمىسى، - دېدى. مەن بۇنداق مەھكىمىلەرنى بىلمىگەچكە ئۇقالماي ئويلىنىپ كەتتىم. كەمەر، ئاياغ، چاپانلىرىمىزدىن تارتىپ سالدۇرۇپ قاتتىق تەكشۈردى. ئەسكەرلەر بەك كۆپ. ئۇلار شىرە ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويغان بىر پاتمان كويزىلارنى بىر باشتىن قولىمىزغا سېلىپ قاتار بىر قۇر قىلىپ تىزدى. ھەربىرىمىزنى بىردىن ئەسكەر قولتۇقلاپ تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىپ، تۈرمىنىڭ جىنايەتچى توشۇيدىغان كىچىك ئاپتوبۇسىغا چىقاردى. بۇ ئاپتوبۇسنىڭ كەينى تەرىپىنى بىزنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ، ئاتايىن كارىدورنىڭ ئىچىگە سولاپ توختىتىپتۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئانا ئىشىك بار ئىدى. بۇ كىچىك ئاپتوبۇسقا كەينىدىن قارىغاندا سول تەرىپى ئىككىگە بۆلۈنگەن، ئوڭ تەرىپى كارىدور بولۇپ، ئالدىنقى بۆلۈمگە ئۈچ جىنايەتچىنى سولىدى. كېيىنكى بۆلۈمگە مېنىڭ بىلەن ياسۇن ئىسىملىك ياش بىر جىنايەتچىنىلا سولىدى. ئەسلىدە بۇ بۆلۈملەر ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ ئۈچ كىشىلىكتىن ئىكەن. كارىدوردا ئەسكەر ياكى ساقچىلار ئولتۇرىدىكەن. جىنايەتچى توشۇيدىغان بۇ ماشىنا تېخى تۈرمىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن چىقماي تۇرۇپلا يېنىمدىكى ياسۇن كەمەر توكىسىنىڭ تىلى بىلەن قولىدىكى كويزىنى ئېچىپ بولدى. كېيىن مېنىڭكىنى ئاچماقچى بولدى. مەن قولۇمنى سۇندۇم. ئۇ كويزىغا بىر قاراپ:
- ئاللاھ، بۇ «گۆبەكلىك» (قوساقلىق) كويزا ئىكەن، - دەپ، كەمىرىنى تاشلاپ، قولىدىكى كويزىسى بىلەن ئاچماقچى بولدى. مەن:
- بولدى قىل، ناھايىتى يېرىم سائەتلىك يولىمىز بار، - دېدىم. ياسۇن دېگەن جىنايەتچى:
- ئۆزۈڭ بىلىسەن، - دېدى. ئۇ گويا بىر ئوت ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بىر سائەتكە يېقىن ماڭغاندىن كېيىن ئەنقەرە سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدۇق. يېنىمدىكى ياسۇن دېگەن مىنىبۇس توختىشىغا كويزىسىنى قولىغا سېلىۋالدى. مەھكىمە ئالدىدا ئەسكەر دېگەن شۇنداق كۆپ ئىكەن. ئىككى قۇر ئەسكەر بەش قولدەك سەپ بولۇپ تىزىلىپ تار بىر كارىدور ھاسىل قىپتۇ. مەھكىمىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئەڭ ئاستى قەۋىتى تۈرمە ئىكەن. بىزنىڭ ھەربىرىمىزنى بىردىن ئەسكەر قولتۇقىمىزدىن مەھكەم تۇتۇپ، مىنىبۇستىن چۈشۈرۈپ، ئىككى قۇر ئەسكەرلەر بەدىنى بىلەن ھاسىل قىلغان تار كارىدوردىن ئېلىپ ماڭغىنىچە مەھكىمىنىڭ ئاستىدىكى تۈرمىلەرگە 20-15 دىن سولىدى. قارىسام بىر-بىرىدىن ۋەھشىي جىنايەتچىلەر. كېيىن تۆمۈر رېشاتكا ئارىلىقىدىن قوللىرىمىزنى چىقاردۇق، ئەسكەرلەر كويزىلارنى ئېچىپ ئېلىپ قالدى.
بىزنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىققىچە نەچچە ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئىشىكلەر ئەڭ كىچىك مېتال بولسىمۇ سىگنال بېرەتتى. ئەمما مەن مەھكىمىگە كەلگەندىن كېيىن ھەيران قالدىم. ساقچىلار بارلىق كىيىملىرىمىزنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن تارتىپ شۇنداق قاتتىق تەكشۈرگەنىدى. قارىسام نەچچىسى ئاياغلىرىنىڭ تىلى بىلەن يىپىنىڭ ئارىسىدىن تازىلىق قەغىزىگە يۆگەلگەن تۆت-بەش تالدىن تاماكا چىقىرىۋاتىدۇ. بىرسى چاقماقنىڭ بېشىنى چىقىرىۋاتىدۇ. بىرسى كىچىككىنە پاختا ئېلىپ كەپتۇ. ھە-ھۇ دېيىشىپ، ئاجايىپ بىر سەۋر - تاقەت بىلەن بىر نەرسىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ پاختىغا ئوت تۇتاشتۇردى. ئوت لاپ قىلىپ يېنىپ بولغىچە بىرسى تېزلىك بىلەن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى تاماكا چېكىشكە باشلىدى. بىرسى ساقچىنى چاقىرىپ: «مەن ھاجەتخانىغا بارىمەن» دەيدىكەن، بېرىپ كەلگىچە ھەممە تۈرمىدىكىلەرنىڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بولىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدىكى تۈرمە ئاياللارنىڭ ئىكەن. ھاجەتخانا بولسا دەل قارشى تەرەپتە ئىكەن. ئاياللار ھاجەتخانىغا بېرىپ كەلگىچە، ئۇ باشتىن تاكى بۇ باشقىچە ماڭىدىكەن. كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپى تۈرمە بولۇپ، ئالدى تۆمۈر رېشاتكىلىق، يەنى ھەممە نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تۈرمىلەردە يۈزلىگەن ئەر جىنايەتچى بار. ياش جىنايەتچى قىزلار ھاجەتخانىغا ماڭغاندا پۈتۈن جىنايەتچىلەر قاتار تۇرۇشۇپ قارىشىدىكەن. كۆزلىرىدىن ھاۋايى - ھەۋەس، ئاغزىلىرىدىن چىقىۋاتقان قالايمىقان گەپلەر. قىزلارنىڭ ھەر قەدىمىدە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى تەڭ سەكرىشىدۇ. يۈزلىگەن ئادەمنىڭ بەدىنى تەڭ ھەرىكەت قىلىدۇ. مېڭىپ كۆزىدىن يوقىغۇچە بوينى مايماق بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ نېمىلەرمۇ قەددىنى رۇسلىشىپ، ئالدىرىماي تازا مېڭىۋالىدىكەن.
خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىردى. بىر ئەسكەر قولۇمغا كويزا سېلىپ، قولتۇقۇمدىن مەھكەم تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدى. ئاپتوماتلىق بىر ئەسكەر ئالدىمدا، يەنە شۇنداق ئىككى ئەسكەر كەينىمدە بولۇپ، تۆت ئەسكەر بىنانىڭ يۇقىرى چىقىدىغان تار بىر پەلەمپىيىدىن ئېلىپ ماڭدى. يۇقىرى چىققاندىن كېيىن جىنايەتچىلەرمۇ، باشقا كىشىلەرمۇ ماڭا قارايدۇ. ئەسكەرلەر مېنى ئېلىپ كەلگەندە، مېنى سوراققا تارتىدىغان ئىشخانىنىڭ ئالدىدا ئادۋوكاتىم بىرقانچە ساقچىلار بىلەن ساقلاپ تۇرغانىكەن، كۆرۈشۈپ بىردەم ئەھۋاللاشتۇق. بۇ ۋاقىتتا مېنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان تۆت ئەسكەرنىڭ باشلىقى ئادۋوكاتىمدىن ئەھۋالىمنى ئۇقۇپ:
- تېخىمۇ چوڭراق ئىش قىلىش كېرەك ئىدى، بۇمۇ بوپتۇ، ئاپىرىن، - دېدى. ئارقىدىن بىر ئەسكەرگە:
- ماۋۇ ئادەمنىڭ قولىدىكى كويزىنى چىقار، - دېدى. ئەسكەر دەرھال قولۇمدىكى كويزىنى چىقىرىۋەتتى.
بىز بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن سوتچى چاقىردى. كىردىم. ئادۋوكاتىممۇ مېنىڭ بىلەن بىرگە كىردى. قارىسام سوتچىنىڭ ئالدىدا قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىر كەلگۈدەك ئارخىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئارخىپىم ئىكەن. كۆڭلۈمدە بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى نەدىن تاپقاندۇ، دەپ ئويلاپ كەتتىم. سوتچىنىڭ مۇئامىلىسى ياخشى، ئەمما دىققەت بىلەن كۆزىتىپ مۇئامىلە قىلدى. سوتچى ئىسمىم ۋە كىملىكىمنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ بىر سىدىينى سورىدى...
سوتچى كېيىن مېنىڭ گۇگېلدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەرىتىسىنى ئىزدەپ تاپقانلىقىمنى دېدى ۋە خېلىلا چىڭ تۇردى. چۈنكى خەرىتە بىلەن ھەرىكەت قىلىش خېلىلا چوڭ ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەن:
- خەرىتە ئىزدىمىدىم، پەقەت ئادرېسىنى ئىزدەپ تاپتىم، - دېدىم. ئەمما سوتچى:
- سەن خەرىتە ئىزدەپسەن، - دەپ، پاكىت سۈپىتىدە ئالدىدىكى ئارخىپتىن بىر تۇتام نەرسە ئېلىپ كۆرسەتتى. مەن ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ:
- ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم، مەن ئۇ كومپيۇتېرنى بالىلىرىم ئۈچۈن ئالغان، مەن ئۇنى ئىشلىتىشنىمۇ تۈزۈك بىلمەيمەن. ئالغىلى تېخى ئالتە-يەتتە ئاي بولدى. ئوبدان تەكشۈرسە ئىچىدىن چىقىشى مۇمكىن. مەن پەقەت گۇگېلنى ئېچىپ: «ئەنقەرە خىتاي ئەلچىخانىسى» دەپ يازدىم. ئەلچىخانا چىققان يەردىن ئادرېسىنى ئالدىم. ئۇ يەردە سىز دېگەندەك خەرىتىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇ خەرىتىنى پەقەتلا كۆرمىدىم. بەلكىم كۆرگەن بولساممۇ دىققەت قىلمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەگەر ماڭا خەرىتە لازىم بولسا ئۆيۈمدىكى كومپيۇتېردىن ئىزدەپ يۈرمەيمەن. مېنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۆيۈمنىڭ ئۈچ تەرىپىدە، 100-50 مېتىر ئارىلىقتا ئۈچ دانە تورخانا بار. مەن ئۇلاردىن خالىغان بىرسىگە بېرىپ: «ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارىمەن، ماڭا ئەلچىخانىنىڭ خەرىتىسىنى چىقىرىپ بەر» دەپ بىر لىرا بەرسەم، چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن پەقەت بىر لىرا چىقىم بولىدۇ. لېكىن مەن خەرىتە ئىشلىتىشنى بىلمەيمەن، بۇ ئەنقەرەنىمۇ بىلمەيمەن. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا خىتاي ئەلچىخانىسىنى تاپىمەن دەپ خەرىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرسەم، بۇ خەرىتە دېگەننى قانچىلىك ئادەم بىلەر، ئۇنىڭدىن كۆرە ئادرېس ئارقىلىق تېپىش ئاسان ئەمەسمۇ؟! - دېدىم.
مەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىرىماي، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ تولۇق دېدىم. مەن سۆزلەۋاتقان جەرياندا سوتچى مېنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇردى ۋە گەپلىرىمگە ئىشەندى. چۈنكى گېپىم ئورۇنلۇق ئىدى. دېمىسىمۇ ئەھۋال راستتىنلا دېگىنىمدەك ئىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا ساقلىدى. مەن ھەقىقەتەن گېپىمنى تېپىپ قىلدىم. سوتچىمۇ بەكلا تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا خېلىلا ئوبدان ئادەم ئىكەن. كېيىن ئادۋوكاتىم خاقان ئاشىق مېنى يەنە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سائەت 13:30 دا بىزنى يەنە قايتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى. ئەتىگەندە قانداق قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن بولسا يەنە خۇددى شۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈپ، قوغداپ ئېلىپ ماڭدى. مەن بار بۆلۈمدە بەش كىشى بولۇپ، ئۈچى ئاپتوبۇس قوزغىلىپ بولغىچە كويزىلىرىنى ئېچىپ بولۇشتى. يېرىم يولغا كەلگەندە بىرسى پەنجىرىدىن كارىدورغا قاراپ بېقىپ:
- ئەسكەرلەر ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كېتىپتۇ، - دېدى. يەنە بىرى ئۇنىڭغا:
- كارىڭ بولمىسۇن، ئۇلار بىزدەك غايىلىك ئەمەس، بىزدەك ئويلىمايدۇ، - دېدى. دېمەك، مۇشۇ جىنايەتچىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق بىر غايىسى بار ئىكەن.
بىزنى تۈرمىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئادەمنى بىزار قىلىۋاتىدىغان قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈپ كامېرغا ئېلىپ كىردى. بەكلا ھېرىپ كېتىپتىمەن. تامىقىمنى ئېلىپ قويۇپتىكەن يېدىم. بىزنىڭ گۇرۇپپىدا بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پەقەت مېنىڭلا پۇلۇم بولغاچقا، ماڭا باشقىچىرەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.
11- ئاينىڭ 18- كۈنى (چارشەنبە) سائەت 14:30 دا بارلىق كامېرلارغا دورا چاچتى. كېيىن چېتىن، لەۋەنت ۋە بىزنىڭ ياتاقتىكى ئەخمەتلەرنى باشقا كامېرغا يۆتكەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. چېتىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا تەزىم قىلىپ، قولۇمغا سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلاشتى. بۇ كامېرنىڭ باشلىقى ئۇ ئىدى. ئۇ چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا جەمئىي 66 يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىزنىڭ كامېردىن چىقىپ كەتكىنىگە ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.
بۇ كامېردا چېتىندىن باشقا «بالا-قازا» دېگەن فىرات 42 يىل، لۇتفى دېگەن ياش 35 يىل، مۇستاپا دېگەن سىگان 17.4 يىل، بىرسى 16 يىل، يەنە بىرى 10 يىل كېسىلگەنلەر ئىكەن.
11- ئاينىڭ 21- كۈنى (شەنبە) تۈرمە ساقچىلىرى ئەركاننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. گۈلتېكىن، ئورھانلار مېنى دەرھال بىزنىڭ ياتاققا كۆچ دەپ كۆچۈردى. شۇنداق قىلىپ مەن دەسلەپ ياتقان 01 نومۇرلۇق ياتاققا قايتا كۆچۈپ چىقتىم. ئاخشام: «ئەركان كەتسە بىز ياتىمىز» دەپ ئوبدانلا تالاش - تارتىش بولغان ئىدى. ئۇلار مېنى ئېلىپ چىقىۋالغاندىن كېيىن «ئۇھ» دېيىشىپ، ئەمدى گۈل - گۈلىگە كەلدى دېيىشتى. مەنمۇ خوش بولدۇم. گەرچە بۇ ئىككىسى 16 كىشىلىك «ساختا يۈز جىنايەتچىلەر شايكىسى»نىڭ ئەزالىرى بولسىمۇ، مۇشۇ كامېردىكى يېشى چوڭلار بولۇپ، تۈرمە شارائىتىدا يەنىلا ئاۋۇ باشقىلىرىدىن ھەر ھالدا ياخشىراق ئىدى.
بۈگۈن ئاجايىپ جىمجىت بىر كۈن بولدى. ھېچكىم بىر - بىرى بىلەن گەپ قىلىشمىدى. ھەپتە ئاخىرى ئىدى. كۆپلىرىنىڭ ئالدى بىلەن تاماكىسى تۈگىگەن بولۇپ، بارلىرىمۇ تاماكا چەككىنىمنى كۆرسە سورايدۇ، دەپ بىر - بىرىگە كۆرسەتمەي يوشۇرۇپ چېكىشتى.
چۈشتە ھېلىقى خىتايپەرەس ئېرول دېگەن بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا:
- بۇ جايغا كىرىپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئوقۇپ بەش ئۇنىۋېرسىتېت پۈتكۈزسەكمۇ بىلمەيتتۇق. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە 21 ئادەمنىڭ رىتىملىق بىرلىكتە ياشىشى ئاجايىپ، - دېدى.
ئۇخلاپ قوپۇپ قارىسام كەمىرىم يوق تۇرىدۇ. سوراپ يۈرۈپ يۇقىرى قاتتىكى 07 نومۇرلۇق ياتاقتىن تاپتىم. تۈرمىدىكى بۇ كۈنلەر ئاجايىپ ئىدى، ئاجايىپ.
مېنىڭ ياتىقىمدىكى «ساختا يۈز جىنايەتچىلەر شايكىسى» ئەزالىرىنىڭ بىرسى بولغان ئورھاننىڭ مەخپىي ئىسمى توشقان ئىكەن. مەن ئۇنى: «كود ئادى تاۋشان» (مەخپىي ئىسمى توشقان)، «كود ئادى بەياز تاۋشان» (مەخپىي ئىسمى ئاق توشقان)» دەپ چاقچاق قىلىپ كۈلدۈرۈپ يۈردۈم.
11- ئاينىڭ 27- كۈنى (جۈمە) بۈگۈن قۇربان ھېيت. ئەتىگەن تەكشۈرۈشتىن كېيىن تۆت-بەش كىشى كۆرۈشۈپ ئۆزئارا ھېيتىمىزنى مۇبارەكلىدۇق.
بۈگۈن ياخشى تاماق بەردى. ئادىل تاماق يەپ ئولتۇرۇپ: «ئىزمىردىكى تۈرمە 80 كىشىلىك، تاماقلىرى بەك ناچار. تاماققا كۆنەلمەي، پېچىنە-پىرەنىك يەپ، 10 ئايدا 90 كىلودىن 70 كىلوغا چۈشتۈم. مۈشۈكتەك چوڭلۇقتا چاشقانلار ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ. بەزىدە بېشىمىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ. مۈشۈك ئەكەلدۈرسەك، ئۇ مۈشۈكلەر چاشقانلارغا قاراپ، ئاغزىنى يالاپلا ئولتۇرىدۇ. تۈرمە ساقچىلىرىغا دېسەك، تۈرمە ساقچىلىرى: ئەگەر بۇ چاشقانلار بولمىسا ھاجەتخانىنىڭ ئەۋرەز يوللىرى ئېتىلىپ قالىدۇ، دەيدۇ» دېدى.
تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغانىدۇق، ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش خەۋىرىنى بەردى. خەۋەردە ئىككى-ئۈچ تەتەي خىتاي چىققان ئىدى، بىرقانچىسى ماڭا قارىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇستاپا دېگىنى بىر خىتاينى كۆرسىتىپ:
- ئۇ سېنىڭ، - دېدى. مەن:
- ياق، ئۇ سېنىڭ، قولۇمدىن كەلسە سېنى ئۆيلەپ قوياتتىم. ئۇلار ئۇچىدىغان، ئۆمىلەيدىغان ھەممە نەرسىنى يەيدۇ. دۇكانلارغا ئاز كېتىسەن، ساڭا كۆپ چىقىم بولمايدۇ. ئاۋۇ تۈرك قىز مېنىڭ، - دېسەم، چىدىماي، ئولتۇرالماي تولغىشىپ كەتتى.
كېچە گۈلتېكىن ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئورھان بىلەن مەن ئۇخلىيالماي بىرقانچە قېتىم تالاغا چىقىپ كىرگەن ئىدۇق. گۈلتېكىن:
- سىلەر ئېشەكتەك مېڭىپ مېنى ئۇخلاتمىدىڭلار، - دېدى. مەن:
- ئېشەكتەك دېمە، بىز دىققەت قىلدۇق، ئەسلىدە ئۆزۈڭ ئۇخلىيالمىدىڭ، - دېدىم. ئەمما «ئېشەكتەك» دېگەن گەپ ئورھانغا ئېغىر كېلىپ يامانلاپ گەپلەشمىدى. مۇشۇ گەپ بىلەن بۇ ئىككى «ساختا يۈز جىنايەتچىلەر شايكىسى» ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتتى.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى (شەنبە) قۇربان ھېيت بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتتى. گۈلتېكىن ئورھانغا:
- چاچلىرىڭنى تۈزىسەڭ، يوتقان-كۆرپەڭنى يىغساڭ بولمامدۇ، ئۆتكەندە مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر يىغىپ قويدى،- دېدى. ئورھان:
- تۈنۈگۈن ئېشەك بولدۇق، بۈگۈن پاسكىنا، ئەتە نېمە بولارمىز،- دېدى.
ئاڭلىسام بۇ كامېردىكى بىز تۇرۇۋاتقان 01 بىلەن يۇقىرىدىكى 07 ئەڭ پاكىز ياتاقمىش.
بىر-ئىككى ئايدا بىر قېتىم مۇسا دېگەن سۈرەتچى كېلىپ خالىغان ئادەمنى سۈرەتكە تارتىپ قويىدىكەن. بىر پارچە سۈرەتكە بىر لىرا ئالىدىكەن (سىرتتا نورمالدا 5 لىرا). مەنمۇ كامېردىكى بىرقانچە جىنايەتچى بىلەن بىرگە بىر پارچە رەسىمگە چۈشتۈم.
ئەسكەرتىش: كىتاب مەزمۇنىنى ئوقۇغان بەزى كىشىلەر ئايرىم ئۇچۇر ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ۋەتەنگە ئائىت قىسمىدىنمۇ بىرقانچە بابنى ھەمبەھرىلىشىمنى ئۆتۈندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەندىكى ھاياتىمغا ئائىت يەنە ئىككى بابنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن. ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلار بولسا ئەركىن-ئازادە قالدۇرۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن.