ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۆزەك كونترول تەدبىرى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ھەمدە تېخنىكا كەسپىگە زەربە بولغان بولۇپ، خىتاي پايچېكىنىڭ باھاسى دۈشەنبە كۈنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئۆزەكلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تەدبىر مەبلەغ سالغۇچىلارنى ساراسىمىگە سالغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر خىتاينىڭ تېخنىكا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پاي چېكىگە سالغان مەبلەغلىرىنى سېتىپ، خىتاينىڭ پايچەك بازىرىنى كاساتلاشتۇرغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان (CSIH84) نىڭ قىممەت كۆرسەتكۈچى %7 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. شاڭخەي ئاكسىيەسى بولسا %4.5 تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئۆزەك ماگناتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش خەلقئارا شىركىتى (SMIC) 10% تۆۋەنلىگەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ خۇا خوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىك شىركىتىمۇ %9.5 تۆۋەنلىگەن.
خوڭكوڭدىكى سۈنئىي ئىدراك شىركىتى% (0020.HK) SenseTime 5.6 تۆۋەنلىگەن. خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىش مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچى داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ پايچىكى %10 تۆۋەنلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىگەنىدى ۋە بۇ تەدبىر ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
بۇ چەكلەش قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ قائىدىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا KLA Corp ۋە قوللىنىشچان ماتېرىياللار شىركىتىگە يازغان مەكتۇپتا كۆرسىتىلگەن چەكلىمىلەرنى ئاساس قىلغان. بۇ مەكتۇپلار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساش سودىگەرلىرىدىن ئىلغار لوگىكىلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان بارلىق خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلارنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ