خىتاي قىرغىن قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا. 

شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا خەلقىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ئاشلىق ياردەم مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيگەندىن باشقا، كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلماي قىرغىن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۇندىن باشقا خىتاي دېھقان چارۋىچىلارنى ئائىلىسىگە قاماپ قويۇپ، يايلاقتىكى ماللىرى ۋە ئېتىزلىقتىكى زىرائەتلىرىگە قاراشقا رۇخسەت قىلماي چارۋىچىلارنىڭ قوي كاللىلىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەن ۋە زىرائەتلەر ۋەيران بولغان. ھالبۇكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھېچ تەپ تارتماستىن ئادىتى بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن: «دېھقان – چارۋىچىلار مول - ھوسۇل ئالدى» دەپ –يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

9-ئۆكتەبىر تارقالغان 15 سېكۇنتلۇق سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ۋىۋىسكىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىندا بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانا ئاتالمىش «دوختۇر يوق» دېگەن باھانە بىلەن ھەر قانداق كېسەلنى قوبۇل قىلمىغان.

9-ئۆكتەبىر تارقالغان 52 سېكۇنتلۇق سىندا خىتاي تەرىپىدىن ئائىلىگە قامالغان چارۋىچىلارنىڭ كالىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى ئىنكاسلاردا يېزىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىكى بىر قازاق ئائىلىسىنىڭ كالىلىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەن بولۇپ، مەزكۇر سىندا 25 تۇياق كالىنىڭ قوتاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 

نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قامالنى تېخىچە ئەمەلدىن قالدۇرمىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ قامالنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1006 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2022 11:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق