تەيۋەن پىرېزىدېنتى خىتايغا قارشى مۇداپىئەنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 10 - قېتىملىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ 10-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: « خەلقئاراغا تەيۋەننىڭ چىداملىق، قەيسەر ئارال دۆلىتى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلايلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

تەيۋەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەمىنلىگەن نۇتۇق تېكىستىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، سەي يىڭۋېن 10-ئۆكتەبىر تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلىپ: «جەڭ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، مىللىي سەپەرۋەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئېڭى بىلەن چىداملىق قەيسەرانە ھالدا دۆلەتنى قوغداش سىزنىڭ ۋە مېنىڭ بىرلىكتە ماڭىدىغان يولىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك تەيۋەننىڭ مۇداپىئە خىراجىتى كۆپەيگەن. سەي يىڭۋېن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ پىلاندا ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇش ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئۆلچەم قىلىنغان.

سەي يىڭۋېن يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇن تەيۋەننىڭ ئەركىن دېموكراتىيەنى قوغدايدىغان قەيسەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 678 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2022 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق