شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاشلىق ياردەم مۇراجىئىتى يۈرەكلەرنى ئەزدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش جىنايىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان قامالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاشلىق ياردىمى ئۈچۈن تارقاتقان مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيمەكتە.  ھالبۇكى، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى داۋام قىلىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئال ۋەزىيەتنىڭ ئەكسىچە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

9-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا بىر ئۇيغۇر ئايال شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال سەۋەبلىك ئائىلىدە ئاشلىق تۈگەپ باشقىلاردىن ياردەم سورايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

مەزكۇر خانىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىگە ياشانغان بىر ئايال كەلگەن بولۇپ، ياشانغان ئايال ئۇنىڭغا قامالنىڭ يەنە 10 كۈن داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى، ئۆيىدە پەرزەنتلىرى بار ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۆيىدە ھېچقانداق يېگۈدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى ئېيتقان .

مەزكۇر ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچى خانىم جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ، قولىدا بارلارنىڭ يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، قامال ئۇزۇن داۋام قىلغانلىقى سەۋەبلىك نۆۋەتتە ئائىلىدە يېمەكلىك تۈگەپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى، بىر ئايال كىشىنىڭ تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاچ قالدىم دەپ-يېمەكلىك سورىشى تولىمۇ ئېغىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خەلق ئىچىدىكى قولىدا بارلارنىڭ يوقلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى، خەلقنى ئۆزئارا ياردەم قىلىشقا  مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قامالنى تېخىچە ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ قامالنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2608 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2022 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق