ئامېرىكا خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئىلغار ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ، ئۆزەك تېخنىكىسىدا نەچچە يىل ئارقىغا چېكىندۈرۈش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش چەكلەنگەن. بۇ تەدبىر ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش قائىدىلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ قائىدىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا KLA Corp ۋە قوللىنىشچان ماتېرىياللار شىركىتىگە يازغان مەكتۇپتا كۆرسىتىلگەن چەكلىمىلەرنى ئاساس قىلغان. بۇ مەكتۇپلار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساش سودىگەرلىرىدىن ئىلغار لوگىكىلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان بارلىق خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلارنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيانقى خىتايغا يېڭى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغاندىن بىرى يولغا قويغان ئەڭ چوڭ سىياسەت ئۆزگىرىشى ئىكەن. ئەگەر مەزكۇر چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسا، بۇ تەدبىر ئامېرىكا ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنى ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىلغار زاۋۇتلىرى ۋە ئۆزەك لايىھەلىگۈچى شىركەتلىرىنى قوللاشنى ئازايتىشقا مەجبۇرلاپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى بىر قانچە يىل ئارقىغا چېكىندۈرىدىكەن. 

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تاراتقۇلارغا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: «نۇرغۇن تەدبىرلەر چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ئىلغار ئۆزەك سېتىشىنى توسۇش ياكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئىلغار ئۆزەك ياساش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش مەقسەت قىلىندى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن مەزكۇر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ھېچقانداق كاپالەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 887 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2022 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق