ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆزبېك پائالىيەتچى ۋالىجون ئاخروروۋىچ كالونوف قولغا ئېلىندى.
9-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئۆزبېك كىشى ۋالىجون ئاخروروۋىچ كالونوف ئەپەندى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ۋالىجون ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسقا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ مۇراجىئەتنامە يازغان.
ئۇ مۇراجىئەتنامىدە ئۆزىنىڭ بوۋىسى تۇراخۇن جۇرابوي ۋە ئايالى شودىيا زاكىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ياشايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى سەۋەبسىز ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆزبېكىستاندىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توختىتىشنى، خىتايغا قارشى دىپلوماتىك تەدبىر قوللىنىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ قانۇنلۇق ۋە ھەققانىي پائالىيەتلەر ۋە تەلەپلىرى سەۋەبلىك 2021-يىلى 15-سېنتەبىر ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ۋە «ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنى ھاقارەتلىدى» دېگەن باھانە بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىپ ياردەم قىلىشىنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋالىجون ئاخروروۋىچ كالونوف 1969-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، تۆت پەرزەنتى بار ئىكەن. ئۇ 2019-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، يازمىلىرى بىلوگ ئارقىلىق تارقالغان. ئۇنىڭ بوۋىسى تۇراخۇن جۇرابوي ۋە ئايالى شودىيا زاكىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، خىتاي ئۇلارنى سەۋەبسىز ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ