تۈرمە خاتىرىسى

تۈرمە خاتىرىسى

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن (قىسقارتىلدى)

بۇ تۈرمىنىڭ كامېرلىرىدا جىنايەتچىلەر كۆپ بولغاچقا، ئىشىكنىڭ سىرتىغا كامېردىكى يەتتە ياتاقنىڭ ئىسمى، ھەر ياتاقتىكى كارىۋاتلارنىڭ نومۇرى، ئۇ كارىۋاتتا كىمنىڭ ياتىدىغانلىقى، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسىم ۋە سۈرىتى بىلەن قوشۇپ ئېسىپ قويىدىكەن. ئەگەر بىرەرسى ياتاق ياكى كارىۋات ئالماشتۇرسا، تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ چوقۇم خەۋىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

مەن ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن 8-7 ئادەم ئەتراپىمغا يىغىلدى. ئۇلاردىن ياشتا چوڭراق بىرى مەندىن قانداق جىنايەت بىلەن تۇتۇلۇپ كىرگەنلىكىمنى سورىدى. مەن ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇلاردىن بىرى مەندىن:

- سەن ئۇ بېنزىن بومبىسىنى ئېتىشنى تەشكىلاتلىرىڭ بىلەن قانچە پۇلغا دېيىشتىڭ؟- دەپ سورىدى. مەن ھاڭ-تاڭ قېلىپ:

- ۋەتىنىمنى بېسىۋالغان تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنىمۇ پۇل ئۈچۈن قىلامدىمەن!؟ تۈركىيەنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلامدۇ؟- دېدىم. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ:

- ئاللاھ! ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن ئىنقىلابچى ئىكەنسەن،- دېيىشتى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بىر قىسمى مېنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ ئىشەنمىگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك بىلىندى.

كەچ سائەت 20:00 دە تۆمۈر ئىشىك سەت ئاۋاز چىقىرىپ ئېچىلىشى بىلەن، بىر توپ ساقچىلار كىردى. بىز ئوڭ-سول ئىككى رەت بولۇپ تىزىلدۇق. قارىسام جەمئىي 15 ئادەم ئىكەنمىز. كېيىن ھەممىمىز ئالىدىغان نەرسىلىرىمىزنى تىزىملاتتۇق.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى (جۈمە) ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلۇش بىلەن بىر توپ ساقچىلار كىرىپ كەلدى. ھەممىمىز ئاياغلىرىمىزدىن تارتىپ تولۇق كىيىنىشىمىز شەرت بولۇپ، بۇرۇنقى F-1 دېگەن تۈرمىدە ئىختىيارىي ئىدى. بىز تۈنۈگۈنكىدەك ئىككى رەت بولۇپ تىزىلدۇق. قارىسام بىر كېچىدە 21 ئادەم بوپتىمىز. يەنە بىرەر سائەتتىن كېيىن تۈرمە ساقچىلىرى كېلىپ:

- يېڭى كەلگەنلەر كارىدورغا چىقىپ بىر رەت تىزىلىڭلار،- دېدى. بىز چىقىپ تىزىلدۇق. تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ باشلىقى بىزگە:

- بىزنىڭ نۇرغۇن قائىدە-تۈزۈملىرىمىز بار، ئەمما مەن سىلەرگە مۇھىملىرىدىن بىر قانچىنى ئۇقتۇرۇپ قويماقچى: 1. ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشتە بىز قانداق رەتلىك كىيىنگەن بولساق، سىلەرمۇ رەتلىك كىيىنىسىلەر. 2. جېدەل چىقسا پەقەت ئارىغا كىرمەيسىلەر، چوڭراق جېدەل چىققۇدەك بولسا قىزىل كۇنۇپكىنى باسىسىلەر، ئەگەر ئارىغا كىرىپ ئاجراتماقچى بولغانلار بولسا، جېدەل چىقارغۇچىلار بىلەن ئوخشاش جازالىنىدۇ. 3. بۇ L-1 تىپلىق تۈرمە. F-1 تىپلىق تۈرمىگىمۇ، باشقا تۈرمىگىمۇ ئوخشىمايدۇ...- دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىمىزنى چاقىرىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئارخىپىنى قولىغا بەردى. مېنىڭ ئارخىپىم تېخى يېتىپ كەلمىگەنىكەن، تۈرمە ساقچىلىرى ئارىسىدا: «بۇ قانداق گەپ؟» دەپ ئىلگىرى-كېيىن خېلى گەپلەر بولۇندى. كېيىن ئىسىم، نومۇرلىرىمىز يېزىلغان قاتتىق قەغەز تاختىنى تۇتقۇزۇپ سۈرەتكە تارتتى. مېنىڭ قەغىزىمگە «كېسىلگەن ئەمەس، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان» دېگەن مەنىدە T ھەرپىنى يېزىپ سۈرەتكە تارتتى.

مەن يېنىپ كىرىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن يەنە چاقىرىپ، ئادۋوكاتىڭ كەلدى، دەپ ئېلىپ ماڭدى. ئادۋوكاتىم خاقان ئاشىق بىلەن تۆت-بەش مىنۇتچە كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەتىگەن بۇرۇنقى تۈرمىگە بېرىپ، خېلى ئۇزۇن سۈرۈشتە قىلىپ، مېنىڭ بۇ تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىمنى بىلىپ ئىزدەپ كەپتۇ. كەلسە مېنىڭ ئارخىپىم تېخى كەلمىگەنىكەن، ئىزدەپ تەستە تېپىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ بۇ تۈرمىگە يۆتكىلىشىم جىنايىتىمنىڭ تېررورچىلىقتىن ئادەتتىكى جىنايەتكە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن، بۇ مەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى (شەنبە) بۇ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر ئوغرى، بۇلاڭچى، قويمىچى، پارىخور كادىر دېگەندەك ھەر خىل ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇرۇش-تالاش قىلىشماي تىنچ ئۆتىدىكەن. تاماق يېيىشلىرىمۇ رەتلىك بولۇپ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تور تارتىپتۇ، ئىچى پۇشسا ۋالىبول ئوينايدىكەن. بەزىسى تېلېۋىزور كۆرسە، يەنە بەزىسى دامكا ياكى شاھمات ئوينايدىكەن. بارلىق كامېرنىڭ تېمىدا رادىيو بار ئىكەن، ئېچىپ قويسا 24 سائەت ناخشا ئېيتىدىكەن.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىرسى قاچا يۇيۇشقا باشلىدى. مەن ياردەملىشەي دېسەم، ئۇ:

- سەن قايسى گۇرۇپپىدا؟- دەيدۇ. مەن:

- بىلمەيمەن،-دېسەم، رەھمەت دەپ ياردەملەشكىلى قويمىدى.

كېچە سائەت 12 لەر بىلەن ئەتراپىمغا بەش-ئالتە ئادەم يىغىلدى. مەن ئۇلارغا يېرىم كېچە سائەت 2:30 غىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بەزى ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇلار ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى. مېنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان پارىخور كادىر:

- مېنىڭ بىر خىتاي تونۇشۇم بار، ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتايلار بىزگە بەك يېقىن ئىكەن. سىلەر ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، موڭغۇل قان سىستېمىسىدىكى بىر مىللەت ئىكەنسىلەر،- دېدى. بۇ گەپ ماڭا بەك ئېغىر كەلدى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى (يەكشەنبە) كەچكىچە قارىسام ھېچكىم ماڭا بۇ كامېر ھەققىدە بىر نەرسە دېمىدى. كەچتە مەن ياتىقىمدىكىلەر بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرۇپ، بۇ كامېرنىڭ قائىدىسى ۋە قايسى گۇرۇپپىدا ئىكەنلىكىمنى سورىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ھەر تۆت ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، مەن كۆزۈمگە ئەڭ سىغمايدىغانلار بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ئىكەنمەن. بۇلارنىڭ پۇلى يوق بولغاچقا، تازىلىق، يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىدىكەن. مەن گۇرۇپپامدىكىلەر ئۈچۈن ھەر ھەپتە بىر قاپ تاماكا، كامېر چىقىملىرى ئۈچۈن ئۈچ لىرا، ئايلىق توك پۇلى ئۈچۈن كىشى بېشىغا ئۈچ لىرادىن جەمئىي 12 لىرا، ھەپتىلىك شېكەر، چاي ۋە باشقا يەيدىغان، ئىچىدىغانلار ئۈچۈن تۆت لىرا تۆلەيدىكەنمەن. شۇنداقتا بۇ كامېردىكى ھەر ئايلىق چىقىمىم 30-40 لىرا (23 دوللار) ئەتراپىدا بولىدىكەن.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە) بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قارىسام شىرەدىكى بىر تەخسىدە ئۈزۈم تۇرۇپتۇ. بېرىپ بىر ژىرىق يەي دەپ قول ئۇزارتىشىمغا، بىرسى:

- سەن يېمە، ماۋۇ بەرسۇن،- دەپ، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىن تاماق يەۋاتقان بىرسىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئۆزىچە غادىيىپ مېڭىپ يۈرۈيدۇ. شۇنداق خىجىل بولدۇم. ئاڭغىچە ئۇ تاماق يەۋاتقىنى دەرھال قوپۇپ، بىر تەخسە ئۈزۈم ئېلىپ كېلىپ ئالدىمغا قويدى. بۇ يۈزسىز گۇينىڭ بالىسى تېخى تۈنۈگۈن تاماكىسى يوق، بىر تال تاماكا سوراش ئۈچۈن يادەك ئېگىلپ ئالدىمغا كەلگەن ئىدى، خەپ گۇينىڭ بالىسى!

10-ئاينىڭ 20-كۈنى (سەيشەنبە) بۈگۈنگىچە مېنىڭ ئارخىپىم كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇكاندىن (كانتېن) قوشۇمچە ھېچ نەرسە ئالالمىدىم. باشقىلار كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئولتۇرۇشۇپ يەيدىغان گازىر، پۇرچاق، شاكىلات دېگەندەك نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشىدۇ.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى (پەيشەنبە) بۈگۈن يەنە «مۇدىر بىلەن كۆرۈشىمەن» دەپ خەت يازدىم، كېيىن چاقىردى. مەن چىقىپ مۇدىرغا:

- بۇرۇن ياتقان تۈرمىدىن پۇلۇم كەلمىدى، لازىملىق نەرسىلەرنى ئالالمىدىم، ئايالىمغا تېلېفون قىلالمىدىم،- دېدىم. ئەھۋال ئېنىق بولدى، پۇلۇم بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىدىكەن. تۈرمە باشلىقى ئايالىمغا تېلېفون قىلىشىمغا رۇخسەت قىلدى. مەن ئايالىم ۋە قىزىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. قىزىمنىڭ ئاۋازىدىن مىجەزى يوقتەك بىلىندى. مەن ئايالىمدىن:

- بالا ساقمۇ؟ مېنىڭ چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتىكەن،- دېدىم. ئايالىم:

- قاچان؟-دېدى. مەن:

- بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، مۇيەسسەرنىڭ ئۈستىدە قىزىل مايكا بار، ئۇنىڭغا ئوت كېتىپ چۈشەپ قاپتىمەن، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى،- دېدىم. ئايالىم:

- مۇيەسسەر دەل ئۈچ كۈن بۇرۇن قىزىتمىسى ئۆرلەپ بەك ئاغرىپ قالغانىدى، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى،- دېدى.

10-ئاينىڭ 24-كۈنى (شەنبە) بۈگۈن سەينادا ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا تاسادىپىي بىر چېچەك ھەرىسىنى دەسسىۋېلىپ ئۇچالماس قىلىپ قويدۇم. بۇنى مۇستاپا دېگەن سىگان (تۈركىيەدە چىڭگەنە دەيدىكەن) باشقىلارغا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر نەرسە دەپ كەتتى. ھەرە دېگەننىڭ قانىتى بار ئۇچىدىغان نەرسە بولۇپ، مېنىڭ ئۇنى دەسسىۋېلىشىم تاسادىپىي بولغان ئىش ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلارغا بولۇپ بەردى. چۈنكى تۈرمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى «ئۇ گەپ قىلماي جىم يۈرگىنى بىلەن ئاتىدىغان، چاپىدىغان، كۆيدۈرىدىغان خەتەرلىك نەرسە» دەپ قارىسا كېرەك، ھەر ھالدا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بۈگۈن ئۇ ھەرىنى دەسسەپ ئۇچالماس قىلىپ قويۇشۇم گويا ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى راستقا چىقارغاندەك بىر ئىش بولدى.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) بۇلارغا شەرقىي تۈركىستان دەپ شۇنچە چۈشەندۈرسەم ھېچقايسىسى دېيەلمەيۋاتىدۇ. شۇنچە دەپ بەرسەم ئاغزى پەقەتلا كەلمەي، تۈركمەنىستانمۇ، قازاقىستانمۇ دەۋاتىدۇ. ھەرقانچە قىلىپمۇ شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر دەپ چۈشەندۈرەلمىدىم. بۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ياپوندىن ئۆيلىنىش نىيىتى بار ئىكەن، بۇلار خىتاي بىلەن ياپونىيەنى ئاساسەن بىر دۆلەت دەپ قارايدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چامباشچىلىقنى بىلىدۇ، دەپ ئويلايدىكەن.

ئاخشام مەن دۇكانغا (كانتېن) لازىملىق نەرسىلەرنى يازدۇرغانىدىم، ئالغان ماللىرىم يەنە كەلمىدى. مەن تۈرمە ساقچىسىغا:

- مېنىڭ ماللىرىم كەلمەپتۇ،- دېسەم، تۈرمە ساقچىسى:

- پۇلۇڭ يوق، شۇڭا كەلمىدى،- دەيدۇ. مەن:

- ۋاي مەن F-1 دىن كەلگەن...- دېسەم، تۈرمە ساقچىسى:

- ئۇنداق بولسا پۇلۇڭ سېنىڭ جىنايىتىڭ تۈگەپ تۈرمىدىن چىققاندا كېلىدۇ،- دەيدۇ. مەن گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم.

بۇلار يەپ يېتىپ سەمىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 45 مىنۇت توختىماي ماڭىدىكەن. ماڭا F-1 دېگەن تۈرمىدىكى خېلىل سوۋغا قىلغان ساپما كەشنىڭ چەمى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. روزا ھېيتلىق ئالغان 10 لىرالىق ئايىغىممۇ مېڭىشقا چىدىماي، چەمى ئۇپراپ ئارانلا قالدى. پۇلى يوقلار باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىكەن. ئەمما مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئۇلارمۇ مەندىن ئەيمىنىپ ھېچقايسىسى ماڭا بىر نەرسە دېمىدى. پۇلى بارلار ياتىقىمدىكى ئەركاندەك كۆڭلى خالىغان تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ ئېلىپ يەپ تۇرىدىكەن. كىمنىڭ پۇلى بولسا ھەرقانداق تاماق ئالالايدىكەن. ھەتتا پۈتۈن قوينىڭ گۆشىنىمۇ بۇيرۇتۇپ، پۇشۇرغۇزۇپ ئالالايدىكەن. تۈرمە ئىچىدىكى بۇ دۇكان ھەقىقەتەن بەك پۇل تاپىدىكەن.

بۈگۈن بىزنىڭ ياتاقتىكى ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قىزىقارلىق دىيالوگ يۈز بەردى. ئەركان دېگەن شىئەنىڭ ئايالى يوقلاپ كەپتىكەن، بىزگە ئايالىنىڭ ئالتە بالىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرسەتتى. بۇ ۋاقىتتا گۈل تېكىن دېگەن تۈرك رەسمگە قاراپ:

- بىچارە ئايال مەجبۇرىي كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىپتۇ،- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەركاننىڭ چىرايى تاتىرىپ بىر قسما بولۇپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن گۈل تېكىن يېڭى ئالغان كىرلىكىنى قېپىدىن چىقىرىپ سېلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەركان:

- ئەمدى يۇمشاق ياتىدىغان بولدۇڭ، ئىنشائاللاھ بەش-ئالتە يىل يۇمشاق ياتارسەن،- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈل تېكىن چىدىماي قوپقىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى (پەيشەنبە) كېچە ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە يول بويىدا بىر ئادەم ئولتۇرارمىش. بۇ ئادەم كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى، نېمىش قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى بىلىدىكەن. كىشىلەر بىردىن-ئىككىدىن ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىسا دەپ بېرىدىكەن. مەن ئۇ ئادەمدىن ئۈچ سوئال سورىماقچى بوپتىمەن. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. مەن ئاخىرى ئۇ ئادەمدىن: «سىلىدىن سورايدىغان ئۈچ سوئالىم بار ئىدى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ» دېدىم. ئۇ ئادەم «ماقۇل» بولدى. ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ ئادەم كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزى خالىغان ئادەمنىڭ شەكلىگە ئۆزگۈرەلەيدىكەن. يەنى سېكۇنت ئىچىدە چوڭ، كىچىك ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرنىڭ شەكلىگە ئۆزگىرەلەيدىكەن. ئۇ ئادەم بىردىنلا ساقاللىق بوۋايغا ئۆزگەردى. كېيىن ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمگە ئۆزگەردى. كېيىن يەتتە-سەككىز ياشلاردا بار كىچىك بىر بالىغا ئۆزگەردى. ئەمما ئۇ ئادەم ئاشۇنداق ئۆزگىرىۋالسىمۇ يەنىلا كىشىلەر ئۇ ئادەمنى تونۇپ، كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مەن ئاخىرى پۇرسەت تېپىپ 1- سوئالىمنى سورىدىم: «مەن ھازىر توغرا يولدا كېتىۋاتىمەنمۇ ياكى خاتا يولدىمۇ؟» ئۇ ئادەم سوئالىمنى ئاڭلاپ كۈلدى ۋە: «جاۋاب بېرىمەن» دېدى. ئەمما ئەتراپتا ئادەم كۆپ بولغاچقا ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئۇ ئادەمنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بەرگىنىنى ئۇقالمىدىم. ئۆزۈمنى بىردىنلا سېپىلى بار بىر شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا كۆردۈم. قولۇمدا قىلىچ، قاتتىق ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. بىردەمدىن كېيىن بىزنىڭكىلەر شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى، مەنمۇ كىردىم. مەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئەسكەرلەر بىلەن شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىۋېتىپ ئەتراپىمدا بەزى گۇمانلىق ئادەملەرنى ۋە ئەھۋاللارنى كۆرگەندەك بولدۇم. قارىسام ئالدىمىزدا يەنە بىر دەرۋازا بار ئىكەن. ئادەم ئۈستىگە ئادەم. مەن ئۇ دەرۋازىغا قاراپ مېڭىپ ئۈچ-تۆت مېتىر قالغاندا بىردىنلا دەرۋازا تاقالدى. مەن دەرھال كەينىمگە قارىسام شەھەرنىڭ كىرىش دەرۋازىسىمۇ تاقالدى ۋە تۆت ئەتراپىمىزدىكى سېپىل ئۈستىدىن ئۈستىمىزگە خۇددى يامغۇردەك ئوق يېغىشقا باشلىدى. مەن بار كۈچۈم بىلەن: «بۇ بىر تۇزاق» دەپ ۋارقىرىدىم. بىردەمنىڭ ئىچىدە ئادەملەر قان ئىچىدە قالدى، ئۈمىد يوق، مەيدان گويا بىر قىيامەت مەيدانى. مەن ئەسەبىيلەرچە سول تەرەپتىكى سېپىل تېمىغا ئۆزۈمنى ئۇردۇم. يېغىۋاتقان يا ئوقلىرى ئوتتۇرا قولدەك تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 60-70 سانتا كېلەتتى. مەن نەگە بارسام شۇ يەرگە ئۇقلار كۆپ ئېتىلاتتى. پۈتۈن ئەتراپىمدا بەش قولدەك ئەسكەر بولۇپ، ئەسكەرلەر يامغۇردەك ئېتىلىۋاتقان ئوقلارنىڭ زەربىسىدە دەھشەتلىك قان ئىچىدە قالدى. ئۈمىد ئۈزۈلدى. قورقۇپ كەتكەنلىكتىن جېنىم تېنىمگە پاتمايۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قولۇمدىكى قىلىچ يوق، قىلىچنىڭ ئورنىدا بىر تال ئوق بار. بۇ دەھشەتلىك قىيامەت مەيدانىدا ئوڭ-سولۇمغا قارىغىدەك ئەھۋالىم يوق. مەن ئاخىر شەھەردىن بۆسۈپ چىقتىم. قارىسام ئالدى تەرەپ ۋە پۈتۈن ئەتراپ تۈپتۈز، خۇددى يايلاقتەك يېشىلچىلىق ئىدى. مېنىڭ بىلەن يەنە بىر كىشىمۇ بۆسۈپ چىقىپتۇ. قارىسام ئۇ ئادەمنىڭ بويى مېنىڭدىن ئېگىز ئىكەن. دەل بۇ ۋاقىتتا ئەركان مېنى ئويغاتتى. بىز تۈنۈگۈن ئەتە روزا تۇتىمىز دېيىشكەن ئىدۇق. زولۇق يېيىش جەريانىدا ئۇنىڭغا چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم. بۇ جەرياندا چۈشۈمنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن بەدىنىم يېنىك تىترەۋاتاتتى. ئۇ:

- يېنىڭدىكى ئادەمنى تونۇمسەن؟- دېدى. مەن:

- ياق،- دېدىم. ئۇ گەپ قىلمىدى. داستىخاندىكى ناندىن باشقا نەرسىلەر ئۇنىڭ ئىدى.

بۈگۈن چۈشلۈك تاماققا بېلىق تامىقى بېرىپتۇ. مەن تاماق يېيىش جەريانىدا ئون مىنۇتقا  يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى تال پىلاستىك ئارىنى (تاماق يەيدىغان چاتال-موينىكەش)نى سۇندۇرۇۋەتتىم. ئۇ ئارىنى ياسىغانلار جىنايەتچىلەر ئۇرۇشۇپ قالغاندا بىر-بىرسىگە تىقىۋەتمىسۇن، دېدىمۇ ياكى چىرايلىق نۇسخا بولسۇن دېدىمۇ، بوينىنى بەك ئىنچىكە ياساپ قويۇپتۇ. شۇنچىكى كۈچەپ بولغىچە سۇنۇپ كېتىدىكەن. مەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككىنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، چېتىن:

- ئۇ ئارىلارنى كىم سۇندۇردى؟-دەپ ئىككى قېتىم سورىدى (بىلىپ تۇرۇپ). مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەدەپ بىلەن قۇلىقىغا:

- مەن سۇندۇردۇم، مال يازدۇرغاندا ئېلىپ بېرىمەن،- دېدىم. ئۇ:

- تامام، تامام، ھېچقىسى يوق،-دېدى. مەن بەك خىجىل بولدۇم. تاماق يېيىش جەريانىدا بىر قويمىچى ئوغرى يېنىمغا كېلىپ:

- ئەگەر خالىساڭ بىز بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ئاسان يولدىن پۇل تاپىمىز،- دېدى. مەن:

- قانداق قىلىپ؟- دېدىم. ئۇ:

- شىركەتتىن بىرنى قۇرىسەن، ئاندىن بانكىدىن پۇلمۇ، ياخشى ماشىنىمۇ ئۆزى كېلىدۇ. ئالتە ئايدىن كېيىن ئادرېسىڭنى ئۆزگەرتىسەن. ئەگەر سېنى يەنە تېپىۋالسا: «زىيان چىقتى» دەيسەن، بولدى،- دېدى. مەن:

- ئۇنداق ئاسان ئەمەستۇ، بانكا دېگەن ھەر ۋاقىت بىزدىن بىر قەدەم ئالدىدا،- دېسەم، ئۇ:

- مەن ئۇلاردىن بەش قەدەم ئالدىدا. سەن ئاۋۋال بىر شىركەت قۇر، ھە، ئاندىن قالغان ئىشلارنى مەن توغرىلايمەن،- دېدى.

قىزىق، بۇ ئوغرىلارنىڭ كۆزىگە قانداق كۆرۈنۈپ قالدىم، بىلمەيمەن. دەردىنىمۇ ماڭا كېلىپ ئېيتىدۇ، قاقشىغۇسى كەلسىمۇ ماڭا كېلىپ قاقشايدۇ، مۇشۇنداق قويمىچىلىرىمۇ مېنى تاپىدۇ.

10-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) بۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئىلتىماس قەغىزىنى قائىدە بويىچە تولدۇرۇپ، ئەتىگەن سائەت سەككىز بىلەن كىرىدىغان تۈرمە ساقچىلىرىغا بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما كامېردىكى 21 ئادەمنىڭ ھەممىمىز ئۇنتۇپتىمىز. پاتىپاراق بولۇپ، كېيىن تولدۇرۇپ بەردۇق. ئاللاھقا شۈكۈر، تۈرمە ساقچىلىرىمۇ ھايت-ھۇيت دەپ بېقىپ قوبۇل قىلدى.

كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچ سائەت 8 دە ھەممىمىز u شەكلىدە تىزىلىپ تۇرۇشىمىز شەرت. پايپاقلىرىمىزدىن تارتىپ ئاياغ ۋە كىيىم-كېچەكلىرىمىز رەتلىك بولۇشى كېرەك. بىر توپ تۈرمە ساقچىلىرى سالام بىلەن كىرىپ يەنە سالام بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.

ئادۋوكاتىم كەپتىكەن، ئوبدان ئەھۋاللاشتۇق. ئايالىم يازغان خەتنى ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ بەردىم. چۈنكى تۈرمە ساقچىلىرى ئاختۇرىدۇ. مۈشۈ ئاينىڭ 15-كۈنى بەرگەن 100 لىرانى 23-كۈنى يەنە ئادۋوكاتىمغا قايتۇرۇپ بەردىم. ئۇ كۈنى ۋاقىت قىس بولغاچقا ئامال يوق ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. چۈنكى تۈرمە ساقچىلىرى بىلىپ قالسا چاتاق چىقاتتى.

 ئادۋوكاتىم ھەيران قېلىپ:

- بۇ پۇلنى نېمىشقا ئالمايسەن،- دېدى. مەن:

- كىم ئەۋەتكەن بولسا ئاللاھ رازى بولسۇن. ھېچكىمگە بىر لىرا چاغلىق ئېغىرچىلىق سېلىشنى خالىمايمەن،- دېدىم.

بارلىق كىيىملىرىممۇ ئاددىي ئىدى. ئەمما يۇيۇپ، چىرايلىق قۇرۇتۇپ كىيىپ يۈرەتتىم. تۈرمىدىن تاماق بېرىدىغان بولغاچقا ھېچقانداق ئارتۇق چىقىم قىلىشنى خالىمايتتىم.

 ئادۋوكاتىم يەنە:

- مەن ئۆتكەن جۈمە سېنىڭ ھېسابىڭغا پۇل ياتقۇزالمىدىم، بۈگۈن ياتقۇزىمەن،- دېدى. مەن:

- ياق پۇلۇم بار، ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمىسۇن،- دېدىم.

كامېردا ئىككى دانە شىرە بولۇپ، بىر قېتىمدا 10 ئادەم تاماق يېگىلى بولىدۇ. بىز بولساق 22 ئادەم. شۇڭا تاماقلارنى ئىككىگە بۆلۈپ يەيمىز. يوغان قازاندا ئەتكەن تاماققا قاتار ئۆچىرەتتە تۇرىمىز. بىرسى ئۇسۇپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ناھەقچىلىك بولۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا خېلى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر چۈمۈچتىن بەرگەن تاماق بەزىدە چۆمۈچكە ئاز چىقىپ قېلىپ قورسىقىمىز تويماي قالىدۇ.

بۇلار مەندىن بىر مەنپەئەت چىقمىغاندىن كېيىن تاماق، كەچلىك ناشتىلىق ۋە ھۆرمەت جەھەتتە سەل چاندۇرۇپ قويۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.

بۇ 22 ئادەمنىڭ ھەممىسىلا ئىچكى جەھەتتىن تۆۋىنى ئۈچ كىشى، يۇقىرىسى بەش-ئالتە كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، پەقەت مەنلا ھەممىسىدىن ئارىلىق ساقلاپ يالغۇز ئۆتۈۋاتاتتىم.

11-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) كۈنلەر نورمال ئۆتمەكتە. چېتىن مۇستاپاغا بىر پارچە رەسىم سىزىپ بەردى. رەسىمدە بىر قول بىر تال قىزىل گۈلنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، ئۈستىدە ئازراق خەت بار، يان تەرىپىدە يۈرەكنى تېشىپ ئۆتكەن بىر ئوق بار ئىدى. مەن كېيىن ۋىجدان دېگەن ئۇيغۇرچە بىر خەتنى يېزىپ چىقىپ كۆرسەتتىم. بۇ خەتنىڭ «ا» ھەرپى مەشئەل شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، «ن» ھەرپى ئاي، چېكىتى يۇلتۇز شەكلىدە چوڭ يېزىلغان خەت ئىدى. ئۇلار خەتكە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا قاراپ ھەيران قېلىشتى.

... قىزىق، يا مەن ھۆسنخەت يېزىشنى بىلمىسەم (بۇلار ھۆسنخېتىمىزگە ھەيران قالىدىكەن).

داۋامى بار...

 

بۇ خەۋەر 1048 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2022 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق