شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە كونترولنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي ۋاڭيى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئۆكتەبىر ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 7-ئۆكتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچى تۆت نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غۇلجىدا ئىكەنلىكى، يېڭىدىن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 334 ى كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا 53، سايباغ رايونىدا 28، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 39، بۇلاقتاغ رايونىدا 37، ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىدا 22، مىچۈەن-دۇڭشەن رايونىدا 45، غۇلجا شەھىرىدە 54، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 11، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 42، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 13.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، 7- ئۆكتەبىر كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە رايوندا يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن 33 كىشىگە تىببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان. چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن بىرىگە تىببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 7-ئۆكتەبىر كۈنى سائەت 24 كىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 4 نەپەر، يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 817 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولمىسىمۇ، يۇقۇم سانىنى ئاشۇرۇپ ئېلان قىلىپ، قامالنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قامال قىلىشنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2022 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق