ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە 13 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالاھىدە يېقىنلىقى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، داجياڭ شىركىتى، خىتاي قۇرۇلۇش گۇرۇھى، خۇادا گۇرۇھى قاتارلىق 13 شىركەت يېڭىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىگە يېقىن ئالاقىسى بولغان خىتاينىڭ بىر نەچچە شىركىتىنى ئىككىنچى قېتىملىق قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قارا تىزىملىك ئىچىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز  ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى داجياڭ شىركىتى، ئۇل ئەسلىھە ئالۋاستىسى دەپ ئاتالغان خىتاي قۇرۇلۇش گۇرۇھى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر 6-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدە خىتاينىڭ 47 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ياكى خىتاينىڭ «ھەربىي ساھە بىلەن خەلقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىگە ئاكتىپ قاتناشقان شىركەتلەر بولۇپ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكى 13 شىركەتكە چېتىلىدىكەن .

باياناتتا: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ تىزىملىكنى داۋاملىق يېڭىلاپ، باشقا ئورۇنلارنى تىزىملىككە قوشىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنىنىڭ 1260H-ماددىسىدىن باشقا ھوقۇق بېرىلگەن ئورۇنلارغا قارشى قوشۇمچە ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلگەن.

 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ داجياڭ شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى شېنجېندا بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ، خوڭكوڭلاردا ئىش بېجىرىش ئورنى بار ئىكەن. 2020-يىلى 10-ئايغا قەدەر داجياڭ يېڭىلىق يارىتىش شىركىتىنىڭ يەرشارىدىكى پۇقراۋى ۋە سودا خاراكتېرلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئوخشاش تۈردىكى شىركەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. داجياڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ سېتىۋالغان ۋە ئىشلەتكەن بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 787 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق