خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار 6-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قوللاپ بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يادرولۇق بۇرچىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كالامارد: «بۈگۈنكى بېلەت تاشلاشتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئەمەس، بەلكى جىنايەتچىلەر قوغدالدى» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئەمەلدارى سوفىي رىچاردسون بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بېلەت تاشلاش نەتىجىسى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارغا خىيانەت قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
رىچاردسون خانىم يەنە: «بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى بەرداشلىق بېرىپ سۈكۈتتە تۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، پىرىنسىپال پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەركەزلىشىش ئىرادىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فىل لىنچ تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇكرائىنانىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاقىرغان ئىتتىپاقلىق ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لىنچ تىۋىتتېردا: «ئۇكرائىنانىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش قىلمىشى ب د ت تەلەپ قىلغان ئىتتىپاقلىق ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلغانلىق بولدى. سومالى قوللاپ بېلەت تاشلاپ، سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ھەقىقىي قارشى تۇرغان بىردىنبىر ئافرىقا دۆلىتى بولۇپ قالدى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ