خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە كونترولنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي مالىيە بىرلەشمە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئۆكتەبىر ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 6-ئۆكتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 96 سى كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇلار ئىچىدە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا ئالتە، سايباغ رايونىدا 10، يېڭى تەرەققىيات رايونىدا ئالتە، بۇلاقتاغ رايونىدا توققۇز، ئېچىۋېتىلگەن رايوندا تۆت، مىدۇڭ رايونىدا 10 كىشى يېڭىدىن يۇقۇملانغان. ئۇندىن باشقا غۇلجىدا 25، تارباغاتايدا ئالتە، تۇرپاندا توققۇز، كورلىدا 11 كىشى يېڭىدىن يۇقۇملانغان.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولمىسىمۇ قامالنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قامال قىلىشنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1059 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2022 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق