خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى تېخىمۇ چىڭىتتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، تۇرپان، كورلا قاتارلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە ئىجرا قىلىۋاتقان ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ليۇ پىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ تاشيول ئارقىلىق سىرتقا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، يۇقۇملانغان، يېقىندىن ئۇچراشقان ۋە ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقان خادىملار، يۇقۇمغا چېتىلىدىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ رايوندىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى، يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست (ناھىيە، شەھەر) لەردىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان خادىملار ئۆزلىرىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلاردا ساياھەت قىلغانلىق، تۇرغانلىق تارىخى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەدىنامىسى بىلەن تەمىنلىيەلمىسە رايوندىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى بولمىغان رايونلاردىن ئايرىلماقچى بولغان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى 72 سائەت ئىچىدىكى ئۈچ قېتىملىق (ھەر كۈنى بىر قېتىم) سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلىق شەرتىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، رايوندىن چىقىدىغان يولدا يەنە بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، رايوندا تارقالغان ۋىرۇس ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق خىتاينىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن قىرغىن قىلىش ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا قاتنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىغا شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2022 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق