ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھەسى تەستىقتىن ئۆتمىدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قارارنامىسى رەت قىلىندى.

6-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئىمزالىشى بىلەن سۇنۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. مۇزاكىرە جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت لايىھە ھەققىدە بېلەت تاشلىغان. نەتىجىدە 17 دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى، 19 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 11 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشى بىلەن تەكلىپ لايىھە رەت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قارار لايىھە ماقۇللانغان بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 2023-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە يىغىنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئەپسۇس بۇ قارار لايىھە رەت قىلىنغان.

بولىۋىيە، كامېرون، خىتاي، پىل چىشى قىرغىقى، كۇبا، ئېرىترېيە، گابون، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، ماۋرىتانىيە، نامىبىيە، نېپال، پاكىستان، قاتار، سېنېگال، سۇدان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق 19 دۆلەت قارشى بېلەت تاشلىغان.

چېخ، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھوندۇراس، ياپونىيە، لىتۋانىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، مارشال تاقىم ئاراللىرى، مونتېنېگرو، گوللاندىيە، پاراگۋاي، پولشا، كورىيە، سومالى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 17 دۆلەت قوللاپ بېلەت تاشلىغان. ئارگېنتىنا، ئەرمېنىيە، بېنىن، بىرازىلىيە، گامبىيە، ھىندىستان، لىۋىيە، مالاۋى، مالايشىيا، مېكسىكا، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، لايىھەگە قارشى بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەر خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىش بېسىمىغا بويسۇنغانلىقى سەۋەبلىك بۇ قارار لايىھەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 977 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2022 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق