ئامېرىكا پارلامېنتى ئىجرائىيە ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى CECC دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىن پايدىلىنىپ خوڭكوڭ خەلقىگە تەھدىت سېلىپ باستۇرۇپ، پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 5-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ئىجرائىيە ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى CECC «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» غا قارىتىپ خوڭكوڭ پۇقرالار جەمئىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك قانۇنى ئارقىلىق خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا زەربە بېرىپلا قالماي، خوڭكوڭدا بىر مەزگىل ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان پۇقرالار جەمئىيىتىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى پۇقرالار جەمئىيىتىنى پارچىلاش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى قانداق تارمار قىلغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ئىجرائىيە ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خوڭكوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە قانۇن كېڭىشىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 42 ئادەمنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق 4-ئۆكتەبىر كۈنى «خوڭكوڭدىكى پۇقرالار جەمئىيىتى: ئېچىۋېتىلگەن شەھەردىن قورقۇنچلۇق شەھەرگىچە» سەرلەۋھىلىك دوكلاتنى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 33 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى خوڭكوڭدىكى ئائىلە ئەزالىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ خەتەرگە يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىسمى ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئۇلار چەتئەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك دائىرىلەر ئۇلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى چەتئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. ئىسمى ئاشكارىلانغان ئون نەپەر زىيارەت قىلىنغۇچى ئىچىدە كەم دېگەندە سەككىزى چەت ئەلدە ئىكەن. قالغان ئىككىسىنىڭ خوڭكوڭدا ياكى ئەمەسلىكى نامەلۇم ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئاتالمىش «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» بىلەن خوڭكوڭ خەلقىگە تەھدىت سېلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ