كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ ئەۋەتتى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا 54 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 5-ئۆكتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات قارارى مۇزاكىرە قىلىنماقتىكەن.

ئوچۇق خەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاتالمىش «ئاشقۇن»، «ئاشقۇنلۇق خەۋپى بار» دېگەن ناملار بىلەن خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى، قىينىغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، ئائىلىدىن ئايرىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خەتتە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، تۈرمە ۋە لاگېرلاردا مەھبۇسلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياكى ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەنلىكى، تۈرمىدىكى كىشىلەر قىيناش ۋە باشقا ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا: «خىتاينىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى خەلقئارالىق جىنايەت بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە ب د ت ئورگانلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا جىددىي دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرغان.

ئوچۇق خەتتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارنىڭ مەزمۇنىنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىش كېرەكلىكى، ھەمدە ب د ت نىڭ 50 دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەرتىپى ۋە 60 نەچچە دۆلەتتىكى يۈزلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارالىق مېخانىزم ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ دوكلات ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىدا گەرچە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگ» ىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتنى باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ نازارەت قىلىش تەرتىپىدىن ئۆتمىگەن بولۇپ قالىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ۋە تەرتىپىگە بولغان ئىشەنچ يوقىلىدىغانلىقى، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى چەكلىمىسىز داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2022 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق