تەيۋەن: خىتاي ئارمىيەسى قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتسە قايتۇرما زەربە بېرىمىز

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەگەر خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەننىڭ سۇ ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، قىزىل سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتسە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ گوجېڭ 5-ئۆكتەبىر خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «گەرچە ئۇزۇن يىل ئىشلىتىلگەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تىنچلىق چۈشەنچىسى خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، بۇنى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسىمۇ، بىراق تەيۋەننىڭ قىزىل سىزىقى بار. قارشى تەرەپ قىزىل سىزىقتىن ئۆتىدىغانلا بولسا، تەيۋەن ئارمىيەسى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چيۇ گوجېڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىغا تىجارەت دوكلاتىنى بەرگەن ۋە قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان.

چيۇ گۇجېڭ تەيۋەننىڭ قىزىل سىزىقىنىڭ كونكرېت نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان، ئەمما ئۇ دۈشمەننىڭ تەيۋەنگە قىلغان تۇنجى ھۇجۇمىنىڭ ئوق چىقىرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2022 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق